شەرقى تۈركىستان ھازىرقى زامان تارىخى

شەرقى تۈركىستان ھازىرقى زامان تارىخى

1705: شەرقى تۈركىستان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئۇيغۇر دۆلىتى ياركەنت خاندانلىقى جۇڭغار)موڭغۇل(لار شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋالغاندىن كىيىن ئاغدۇرۇلدى.

1705-1759: جەنۇبى شەرقى تۈركىستان )تارىم ئويمانلىقى( غا خوجىلار، شىمالى شەرقى تۈركىستان)جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە كەڭسۇ (غا جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىق قىلدى.

1759 : مانجۇ چىڭ خاندانلىقى شەرقى تۈركىستانغا بېسىپ كىردى ۋە بويسۇندۇرۇپ قارام دۆلەتكە ئايلاندۇردى.

1759-1862: ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقى تۈركىستان خەلقى مانجۇ چىڭ دۆلىتىگە قارشى 42 قېتىم ئىسيان كۆتۈردى.

1863-1864: ئۇيغۇر ۋە باشقا شەرقى تۈركىستان خەلقلىرى ياقۇپ بەگنىڭ يىتەكچىلىكىدە مانجۇ چىڭ خاندانلىقىغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. ياقۇپ بەگ مانجۇلارنى قوغلاپ چىقاردى ۋە تولۇق مۇستەقىللىق ۋە ھۆكۈمالىق ئېلان قىلدى.

1865-1877: شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى قەشقەرىيە دۆلىتى بىرىتانىيە ئىمپىرىيىسى، روس ئىمپىرىيىسى، ئوسمان ئىمپىرىيىسى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىندى. شەرقى تۈركىستان تاكى 1877-يىلىدىكى مانجۇ چىڭ ئىستىلاسىغا قەدەر تولۇق مۇستەقىللىقىنى ساقلىدى.

1884: مانجۇ چىڭ ئىمپىرىيىسى شەرقى تۈركىستاننى تولۇق كونتىرول قىلدى ۋە رەسمى يوسۇندا شىنجاڭ يەنى يېڭى زىمىن ئىسمى بىلەن چىڭ دۆلىتىگە قوشىۋالدى.

1884-1911: مانجۇ چىڭ ھۆكۈمىتى شەرقى تۈركىستاننى ئىدارە قىلدى.

1911: خىتاي ئىنقىلابى مانجۇ چىڭ ئىمپىرىيىسىنى ئاغدۇردى.

1911-1931: گومىنداڭ تەسىرى ئاستىدا شەرقى تۈركىستاننىڭ قىسمەن جايلىرى ئۇيغۇر ۋە تۈركى خانلار، قىسمەن جايلىرى خىتايلار تەرىپىدىن ھۆكۈمرانلىق قىلىندى.

1931: ئۇيغۇرلار قۇمۇلدا خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە يېرىگە تۇتاشتى.

1931-1933: شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىدا ئۇيغۇرلار ئىنقىلاپ كۆتۈردى ۋە خوتەندە مۇستاقىل ھۆكۈمەت ئېلان قىلدى.

1933: ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەر قەشقەرگە جەم بولۇپ پۈتكۈل شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىدىن تولۇق مۇستەقىل بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ 1933-يىل 12-نويابىردا شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى.

1934: گومىنداڭ ھۆكۈمرانلىقىدا خىتاي مۇسۇلمان )تۇڭگان( لار تاجاۋۇزى ۋە سوۋىتنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن شەرقى تۈركىستان 1934-يىل 16-ئاپرىلدا مۇستەقىللىقىنى قولدىن بىرىپ قويدى.

1934-1944: شەرقى تۈركىستان خىتاي شىڭشىسەي تەرىپىدىن ئىدارە قىلىندى. ھۆكۈمرانلىق مەزگىلىدە 200 مىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى خەلقلەرنى ۋەھشى قىرغىن قىلدى.

1937: ئارمىيە مىللى 6- كورپۇس خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى ئىنقىلاپ قوزغىدى، سوۋىتنىڭ ياردىمىدە ۋەھشى باستۇرۇلدى.

1944: ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز، تاتار ۋە ئۆزبەكلەر بىرلىكتە خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ئىسيان كۆتۈردى ۋە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتىنى قۇردى. شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1944-يىل 12-نويابىر غۇلجىدا ئېلان قىلىندى.

1945: 1945-يىل 5-يانۋاردا شەرقى تۈركىستان ھۆكۈمىتى توققۇز ماددىلىق بايانات ئېلان قىلىپ شەرقى تۈركىستاننىڭ دىموكراتىيەنى ياقلايدىغان، ھاكىممۇتلەقلىققە قارشى بولغان مۇستەقىل، دىندىن خالى جۇمھۇرىيەت ئىكەنلىكىنى قايتا تەستىقلىدى.

1949: 27-ئاۋغۇست شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋەكىللىك لىدىرلىرى: پىرىزىدىنت ئەخمەتجان قاسىم، ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئابدۇلكېرىم ئابباسوۋ، ھەربى كۈچلەر گىنرالى دېلىلقان سۇغارباي، مۇئاۋىن باش قوماندان ئىسھاق بەگ ۋە باشقا يەتتە كىشى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى يوقىتىش كىلىشىمىگە ئىمزا قويۇشنى رەت قىلغانلىقى ئۈچۈن سىتالىن تەرىپىدىن قەتلى قىلىندى.
ئۆكتەبىر- 1949-يىل 12-ئۆكتەبىردە سوۋىتنىڭ ياردىمى بىلەن ماۋنىڭ خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋېلىشقا باشلىدى.
دېكابىر-شەرقى تۈركىستان ئارمىيىسى خىتاي خەلق ئازاتلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ قوشۇۋېلىنىپ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى ئاخىرلاشقاندىن
كىيىن شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەسمى ھالدا 1949-يىل 22-دېكابىر ئاغدۇرۇلدى.

1950: سىتالىن ماۋزىدۇڭ 1950-يىل 2-ئاينىڭ 14-كۈنى سىنو-سوۋىت دوستلۇق ئىتىپاقداش ياردەم شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ سوۋىتنىڭ ئىقتىسادى ئىمتىيازى بىلەن سوۋىت خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى قوللايدىغان بولۇپ پۈتۈشتى.

1951: شەرقى تۈركىستان خەلقىنى داۋاملىق يىتەكلەپ خىتاي كومنىستلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىشغالىيىتىگە قارشى كۆرەش قىلغان قازاق لىدىر ئوسمان باتۇر قولغا چۈشتى ۋە 1951-يىل 29-ئاپرىل قەتلى قىلىندى.

1951-1959: بۇ مەزگىلدە خىتاي ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى چاقىرىق قىلغان 14 چوڭ قوراللىق ئىنقىلاپ يۈز بەردى. ئەڭ چوڭ ئىنقىلاپ 1954-يىل 29،-دېكابىر-31دېكابىر خوتەندە يۈز بەرگەن.

1954: ماۋ مۇستەملىكە ۋە كونتىروللىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن يۈزمىڭلىغان ئەسكەرلىكتىن چىكىندۈرۈلگەن خىتايلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلىلىرىنى شەرقى تۈركىستانغا يۆتكىدى ۋە بىڭتۇەننى پەيدا قىلدى.

1955: 1955-يىل 1-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقى تۈركىستاننى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەپ بىكىتتى.

1962: 19-ماي غۇلجىدا ئون مىڭلىغان كىشىلەر خىتاي ھۆكۈمرانلىقىنىڭ يۈزمىڭدەك ئۇيغۇر ۋە قازاقلارنى قازاقىستانغا كۆچۈرگىنىگە قارشى غەليان كۆتۈردى.
1964: 16-ئۆكتەبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقى تۈركىستان لوپنۇردا تۇنجى ئاتوم بومبا سىنىقىنى قىلىپ ئا ق ش، سوۋىتلەر ئىتتىپاقى، بىرىتانىيە، فىرانسىيەدىن كىيىنكى 5-ئاتوم بومبىسى بىلەن قۇراللانغان دۆلەت بولۇپ قالدى. 1964-1996-يىللار ئارىسىدا خىتاي شەرقى تۈركىستاندا 46 قېتىمدىن ئارتۇق ئاتوم سىنىقى قىلىپ 800 مىڭ ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى، ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ رادىئاتسىيە تەسىرىدە راك كىسەللىرىگە گىرىپتار بولىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
1968: 1968-يىل فېۋرالدا شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى قايتا قۇرۇشنى مەقسەت قىلغان شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى قۇرۇلدى. شەرقى تۈركىستاننىڭ ھەممە شەھرىدە مەركىزى ۋە تارماق ئىشخانىلىرى بولغان ۋە يىقىتىلىشتىن بۇرۇن 50 دىن ئارتۇق نەشىر تارقاتقان.

1969: 1969-يىل 20-ئاۋغۇست ئاخۇنوۋ باشچىلىقىدا شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى سوۋىت چېگراسىغا يېقىن )ھازىرقى قىرغىزىستان( جايدا خىتاي ھەربى كۈچلىرىگە قارشى پارتىزانلىق ئۇرىشى قىلىدىغان بازا قۇردى، پاش بولۇپ قالغاندىن كىيىن شەرقى تۈركىستان خەلق ئىنقىلابى پارتىيىسى ئەزالىرى يەر ئاستىغا كىرىشكە مەجبۇرلاندى.

1981: 1981-يىل 27-ماي قەشقەر پەيزىۋاتتا خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتۈرۈلدى، ۋاڭجېن قاتتىق قوللۇق بىلەن ھەرقانداق قارشىلىق شەپىلىرىنى باستۇردى.

1985: 12-دېكابىر ئۈرۈمچىدە بىر ئوقۇغۇچى يىتەكچىلىك قىلغان 20 مىڭ ئەتراپىدا ئادەم قاتناشقان ئاتوم سىنىقى، مەجبۇرى بالا چۈشۈرىۋېتىش، شەرقى تۈركىستاندىكى خىتاي كۆچمەنلىكىگە قارشى ئونلىغان تېنچلىق نامايىشى قىلىندى. نامايىش خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قانلىق باستۇرۇلۇپ يۈزلىگەن كىشىلەر ئۆلتۈرۈلۈپ مىڭلىغان كىشى قولغا ئېلىنىدى.

1988: 15-ئىيۇن مىڭلىغان ئوقۇغۇچىلار ئۈرۈمچىدە تېنچلىق نامايىشى قىلدى ۋە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن قاتتىق باستۇرۇلدى.

1990: 5-ئاپرىل شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى بارىن يېزىسىنىڭ ئاقتۇ كەنتىدە شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى نىشان قىلغان قوراللىق قوزغىلاڭ پارتلىدى. 11-ئاپرىل خىتاي كۈچلىرى قوزغىلاڭنى ۋەھشى باستۇرۇپ مىڭلىغان بىگۇناھ كىشىلەر ئۆلتۈرۈلدى.

1995: 7-ئىيۇل خوتەندە يۈزلىگەن كىشىلەر خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىگە قارشىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى، خىتاي تېنچلىق قىسىملىرى ئوت ئېچىشى بىلەن پاراكەندىچىلىك يۈز بىرىپ يۈزلىگەن كىشى ئۆلتۈرۈلدى.

1997: غۇلجىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى چەكلىشى ۋە 30 دىن ئارتۇق شەرقى تۈركىستانلىق پائالىيەتچىگە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىشىغا قارشى مىڭلىغان كىشى 3-فېۋرال نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى تېنچلىق نامايىشىنى ۋەھشى باستۇرۇپ 100 دىن ئارتۇق نامايىشچىنى ئۆلتۈرۈپ، 5-فېۋرالغىچە 1600 كىشىنى قولغا ئالدى.

2002: خىتاي شەرقى تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە باستۇرۇش قىرغىنچىلىق سىياسىتىنى ”تېرورلىققا قارشى كۆرەش“دەپ ئاقلاشقا باشلىدى.

2009: ئوقۇغۇچىلار يىتەكچىلىك قىلغان مىڭلىغان كىشىلەر ئۈرۈمچىدە خىتاينىڭ گۇاڭدۇڭ شاۋگۇەندىكى زاۋۇتىدا ئۇيغۇر ئىشچىلارنىڭ ۋەھشى قىرغىن قىلىنىشىغا تېنچلىق نامايىشى تەشكىللىدى. نامايىش ۋەھشى باستۇرۇلدى ۋە شەرقى تۈركىستان بويىچە ئون مىڭلىغان ئۇيغۇرلار ئۆلتۈرۈلدى ياكى غايىپ قىلىۋېتىلدى.

2015: خىتاي تالاش-تارتىشلىق تېرورلۇققا قارشى قانۇن تەستىقلاپ شەرقى تۈركىستاندىكى ئىسلام تۈرك كىملىكىنى باستۇرۇشنى قانۇنلاشتۇردى.

2017: خىتاي ئىقتىسادى كوزۇرى بىلەن قانچىلىغان مەسىلەن مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەرنى بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلارنى قولغا ئېلىپ خىتايغا قايتۇرىۋېتىشكە قايىل قىلدى ۋە ئۇلارنى تۈرمىگە ياكى جازا لاگىرلىرىغا قامىدى.

2018: 10-ئاۋغۇست بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىرقى كەمسىتىشنى تۈگىتىش كومتىتى خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىگە قاراپ چىقىپ ئۈچ مىليون ئىچىدە كۆپى ئۇيغۇر بولغان كىشىنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى “ سىياسى قايتا تەربىيلەش“، ”ئەسەبىلىككە قارشى تۇرۇش“ جازا لاگىرلىرىغا قامالغانلىقىنى ئېنىقلىدى