ئىنسان ھەقلىرى، دۆلەت كىملىكى، مىللى كىملىك ۋە دىنگە قارتىلغان زۇلۇم بىرلەشكەندە

ئىنسان ھەقلىرى، دۆلەت كىملىكى، مىللى كىملىك ۋە دىنگە قارتىلغان زۇلۇم بىرلەشكەندە

بۇ ماقالە، شەرقىي تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى سالىھ خۇدايار تەرىپىدىن يېزىلغان ۋە كونەكتاس كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ 29-سانىدا ئېلان قىلىنغان. ئەسلى ئىنگىلىزتىلىدىكى ماقالىنى تۆۋەندىكى ئۇلىنىشتىن ئوقۇيالايسىز.

ئىنسان ھەقلىرى، دۆلەت كىملىكى، مىللى كىملىك ۋە دىنگە قارتىلغان زۇلۇم بىرلەشكەندە

سالىھ خۇدايار

ەزمۇندىن ئارىيە
يۈرىكىدىكى شەرقى تۈركىستان دۆلىتىگە بولغان مۇھەببەت سەۋەپلىك ئىدىيە جىنايەتچىسى دەپ قارىلاش تەس بولغانلىقتىن، خىتاي يېڭى زىمىن دەپ ئاتىۋالغان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر دىنى ۋە ئېتنىك تەركىبى ئاساسىدا نىشانغا ئېلىندى

خىتاي ھۆكۈمىتى- ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئايرىم دۆلەت كىملىكىنى ساقلاپ، ئۆزلىرىنى خىتاي دەرىجىدىن تاشقىرى دۆلىتىدىن ئايرىپ قارىشىدىن خاۋاتىرلىنىدۇ.
شەرقى تۈركىستان بىر يول بىر بەلباغ پىلانى-خىتاينىڭ يېڭى ”يىپەك يولى“نىڭ ئۇل تېشى شۇنداقلا خىتاي شۇ يەردىن ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن ياۋروپاغا ئىشىك ئاچىدىغان بىپايان، بايلىققا تولغان زىمىن

دۇنياۋى جەنۇبتىكى ئەللەر بۇ جىددى ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسى بىلەن كۆرىشىۋاتقاندا، ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسچىلىرى ۋە سىياسەت بەلگۈلىگۈچىلەر-ساھنىدىكى جې’ئوپولىتىكىلىق ئامىللار ۋە زۇلۇمنىڭ تارىخىنى چۈشىنىپ-مەسلىنى ئەڭ توغرا ئاتالغۇلار بىلەن ئىزاھلاپ چىقىشى زۆرۈ

ئاز قىسىم خەلقارالىق كۆزەتكۈچىلەر شەرقى تۈركىستاننى ئاڭلاپ باققان، بەلكىم ئۇلار پەقەت ”شىنجاڭ چاينا“ دەپ ئاتالغانلىقىنى ئاڭلىغان بولىشى مۇمكىن. مانا مۇشۇ يەردە مەزكۇر كىرىزىسنىڭ يادروسى يوشۇرۇنغان

تۈركىي خەلقلەر ئانا ۋەتىنىنى شەرقىي تۈركىستان دەپ ئاتايدۇ.
1949-يىلدىن بۇيان، شەرقىي تۈركىستان يەرلىكلىرى ۋەتىنىمىزنى خىتاي كومنىست كۈچلىرىنىڭ ھەربى ئىشغالىيىتى ئاستىدىكى دۆلەت دەپ قاراپ كەلدى. ئۇندىن بۇرۇن بىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق، مۇستەقىل دۆلىتىمىز بولغان. تارىختا، ئۆتكەنكى ئەسىردە، بىز ئىككى ئايرىم جۇمھۇرىيەت قۇردۇق. ۋەتىنىمىزدىكى ئېتنىك كىملىكمۇ ئايرىم. ۋەتىنىمىزنىڭ يەرلىك ئاھالىسى، خىتايدىكى خەنلەردىن كۈلتۈر ۋە ئېتنىك جەھەتلەردىن پەرقلىق بولغان تۈركىي خەلقتۇر. ئوخشىمىغان ئېتنىك، ئۇزۇن تارىخى مەنبەلىك ئوخشىمىغان كۈلتۈرىمىز سەۋەپلىك بىز ئىنتايىن قەدىمىي، خاس كىملىككە ئىگە

2014-يىل ماي ئېيىدىن باشلاپ، ئۈرۈمچى جەنۇبى ۋوگزالدىكى ئۈچ ئادەمنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھۇجۇمدىن كىيىن، خىتاي كومنىست پارتىيىسى دا’ئىرىلىرى تارىختا كۆرۈلمىگەن ھۆكۈمەت ھەرىكىتىنى باشلاپ، خەلقىمىزنى ئەڭ ئاساسى ھەقلىرىدىن مەھرۇم قويدى. ھۇجۇمدىن كىيىن، خىتاي پىرىزىدىنتى شى جىنپىڭ : “ زوراۋانلىققا، تېررورلۇققا قارشى كۆرەش بىر دەقىقىمۇ بوشىشىپ قالمايدۇ، چوقۇم كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، ئەۋج ئالغان تېرورىستلارنى قەتى باستۇرۇش لازىم“ دىدى

بۇ ھەرىكەت ھاكىممۇتلەقلىق سەۋىيىسىدىكى نازارەت، ئاتالمىش ”قايتا تەربىيە ۋە تېخنىكا تەربىيە مەكتەپلىرى“ دىكى مىڭە يۇيۇش، ئەمگەك لاگىرلىرىدا مەجبۇرى ئىشلىتىش، تۈرمىلەرگە ئۇزۇن مۇددەتلىك كىسىش، مەسچىتلەرنى چېقىش، ئۇيغۇر تىلىنى يوقىتىش ۋە باشقا تۈرلۈك ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى بىلەن خاراكتىرلەندى. ھەتتا ئۇيغۇر قىز-خانىملارنى مەجبۇرى خەن خىتايلار بىلەن توي قىلدۇرغانلىقتەك، بۇ يېڭى زاماندىكى جازا لاگىرلىرىدا قىيناققا ئالغانلىقىدەك خەۋەرلەر چىقتى

بەزى خەۋەرلەردە ناماز ئوقۇش، ھىجاپ كىيىش، مەسچىدكە بېرىش، چەتەلگە چىقىش( مەسىلەن ھەج قىلىش)، دىنى تەبلىغ ئاڭلاش، ساقال قويۇش، ھاراق ئىچمەسلىك ۋە ئەنەنىۋى دەپنە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى قامىلىشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى

مېنىڭ يۈزدىن ئارتۇق بىۋاستە ۋە باشقا تۇققانلىرىم قولغا ئېلىندى. ئۈچىسى جازا لاگىرىدا تاياق يىگەندىن كىيىن ۋاپات بولدى، بىز زادى نىمە ئىش بولغانلىقىنى ئېنىقلاشقا ئامالسىز. جەسەتلەر دەرھال كۆيدۈرىۋېتىلگەچكە، بىزدەك چىدىغۇسىز ئازاپ ئىچىدىكى ئا’ئىلىلەر، سۆيگەنلىرىمىزنى بىر كۆرىۋېلىشتىن، ئۇلارنى دىنى ياكى مەدەنىيەت ئەنەنىمىز بويىچە دەپنە قىلىشتىنمۇ رەھىمسىزلەرچە مەھرۇم قالدۇرۇلدى

2012-يىلى مەيدانغا چىققان، ”زوراۋانلىق، تېررورىزىمغا قاتتىق زەربە بىرىش“ دەۋالغان بۇ ھەرىكەتنى، خىتاي دا’ئىرىلىرى ”ئۈچ خىل كۈچ“لەرگە قارشى تۇرۇش يەنى ”بۆلگۈنچىلىك، ئاشقۇنلۇق، تېررورىزىمغا قارشى تۇرۇش“ دەپ سۈپەتلەيدۇ. خەلقارالىق ئاخبارات-مېدىيالاردا ئادەتتە ئاددىلاشتۇرۇلۇپلا دىنى ۋە ئېتنىك باستۇرۇشنى ئاساس قىلغان ھەرىكەت دىيىلىۋاتىدۇ. ئەلۋەتتە ئۇ ئېلمىنتلارمۇ بار، بۇ زۇلۇمنى تولۇق چۈشىنىش ئۈچۈن، خىتاي دا’ئىرىلىرىنىڭ “ ئۈچ خىل كۈچلەر“ دەپ نىمىنى كۆزدە تۇتىدىغانلىقىنىڭ تېگىگە يىتىش مۇھىم

ئاشقۇنلۇق ۋە تېررورىزىم كۆپلىگەن ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇملۇق ئۇقۇملار، بىراق ھەقىقەت شۇ، شەرقى تۈركىستاندا (خىتاي يېڭى زىمىن دەپ ئاتايدىغان جايدا) دىنى ئاشقۇنلۇق ياكى چوڭ كۆلەملىك تېررورلۇق مىساللىرى ئىنتايىن ئاز. بۇ خىل ئىدىيىلەرگە ئالدىنىپ، ئېزىپ قالغان ئاز قىسىملار شەرقى تۈركىستاننى تاشلاپ چەتەل جەڭ مەيدانلىرىغا چىقىپ كەتتى. ”بۆلگۈنچىلىك“ قېلىپ قالدى، مانا بۇ شەرقى تۈركىستاندا يۈز بىرىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئەسلى يالغان سەۋەبى. بىزنىڭ ئايرىم دۆلەت كىملىكىمىز، يىلتىز تارتقان ئايرىم ئېتنىك كىملىكىمىز، خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ بۆلگۈنچى دەپ قارىلايدىغان ئاساسى.

يۈرىكىدىكى شەرقى تۈركىستان دۆلىتىگە بولغان مۇھەببەت سەۋەپلىك ئىدىيە جىنايەتچىسى دەپ بىكىتىش تەس بولغانلىقتىن، خىتاي يېڭى زىمىن دەپ ئاتىۋالغان بۇ رايوندىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر(قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك ۋە تاتارلار) دىنى ۋە ئېتنىك تەركىبى ئاساسىدا نىشانغا ئېلىندى. بىراق خاتاسى يوق، بۇ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ھەرىكىتىنىڭ ئەسلى مەقسىدى شەرقى تۈركىستان دۆلەت كىملىكىگە بولغان ھەرقانداق ھېسياتنى بىتچىت قىلىش

نىمە ئۈچۈن خىتاي كومنىست پارتىيىسى شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دۆلەت كىملىكى چۈشەنچىسىنى يوقىتىشقا بۇنچە ئۇرنىدۇ؟ ئۆتمۈشتە خىتاي ھاكىمىيەتلىرى بىزنى نىسپىي تېنچلىقتا تۇتۇپ تۇرۇش بىلەن مەمنۇن ئىدى. خىتاينىڭ مەدەنىيەت ئىنقىلابىدا، ئۇيغۇرلار ماۋچە قايتا تەربىيە لاگىرلىرىغا قامالغان ئىدى، بىراق بۈگۈنكى جازا لاگىرلىرىدىكىدەك ۋەھشىيلىك كۆرۈلمىگەن. پەقەت ئۆتكەنكى نەچچە ئون يىللاردىن بۇيان، خىتاي كومنىست دا’ئىرىلىرى مۇشۇنداق ۋەھشىلىشىشكە باشلىدى. سەۋەبى بولسا، ئاددى قىلىپ ئېيتقاندا، جې’ئوپولىتىكا ئامىلى

ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان تەبى’ئى بايلىقلار-مەسىلەن نېفىت، ئالتۇن، ئۇرانىيۇم قاتارلىق، خىتاي كىلەچەك يىللاردا مۇھتاج بايلىقلار-غا باي. ئۇندىن باشقا، شەرقى تۈركىستان بىر يول بىر بەلباغ پىلانىنىڭ ئۇل تېشى. شەرقىي تۈركىستان ئوتتۇرا ئاسىياغا تۇتاشقان ئاساسى تۆمۈر يول لىنىيىسى، خىتاينىڭ قەدىمى ”يىپەك يولى پروجىيەسى“ نىڭ بىر قىسمى. ئۇ يەنە خىتاي-پاكىستان سودا كارىدورىنىڭ مەركىزى

قىسقىچە ئېيتقاندا، خىتاي كومنىست دا’ئىرىلىرىگە نىسبەتەن، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئايرىم دۆلەت كىملىكىنى ساقلىشى، ئۆزلىرىنى خىتاي چوڭ دۆلىتىدىن ئايرىم دەپ قارىشىغا قەتى يول قويۇلمايدۇ. شەرقىي تۈركىستان ئىدىيىسىنى يوق قىلىۋېتىش ئۈچۈن كومنىست ھاكىمىيىتى، ئەركىن ئىبادەت قىلىش ھەقلىرىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنسان ھەقلىرىمىزنى ئۇلار زۆرۈر دەپ قاراپ، بۇرۇن قىلغىنىدەك قەستەن دەپسەندە قىلىۋاتىدۇ

دىموكراتىك ئەللەر مەزكۇر جىددى ئىنسان ھەقلىرى كىرىزىسى بىلەن كۆرەش قىلىۋاتقاندا، ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسچىلىرىنىڭ بۇ مەسلىنى ئەڭ مۇۋاپىق ئاتالغۇلار بىلەن ئىزاھلىشى ھەل قىلغۇچ مۇھىم. بولۇپمۇ، دۇنياۋى جەنۇبتىكى دۆلەتلەردىن، ئۆزىمىزنى ”شىنجاڭلىق ئۇيغۇر“ ياكى ”خىتايدىكى ئۇيغۇر“ ياكى ھەتتا ”خىتاي مۇسۇلمانلار“ ئەمەس ئەمىلىيەتدە شەرقى تۈركىستانلىقلار دەپ قارايدىغانلىقىمىزنى تونىشىنى سورايمىز. بىز ئۆزىمىزنى جۇڭگولۇق ۋە ياكى خىتاي دەپ ھىساپلىمايمىز. يەنە شۇمۇ ناھايىتى زۆرۈركى، دۇنياۋى جەنۇپتىكى دۆلەتلەر بولۇپمۇ مۇسۇلمان دۆلەتلەر، بۇ زۇلۇمنىڭ تارىخىنى چۈشەندۈرىشى لازىم. دۇنيانى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا تەربىيلىمەي تۇرۇپ، دۇنيا بۇ كىرىزىسنىڭ ماھىيىتىنى ئەسلا چۈشەنمەيدۇ

سالىھ خۇدايار-شەرقى تۈركىستان/ئا ق ش قوشما شىتاتلىرى

سالىھ خۇدايار ئامېرىكىلىق ئۇيغۇر پا’ئالىيەتچى، ئۇ شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى -شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قايتا قۇرۇشنى نىشان قىلغان-زوراۋانسىز سىياسى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتىنىڭ قۇرغۇچىسى. ئۇ يەنە شەرقى تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتىنىڭ ئامېرىكىدىكى ۋەكىلى، ئامېرىكا ھەربى ئۇنىۋېرستىتىدا دۆلەت مۇداپى’ئە كەسپىدە ماگىستىرلىقنى ئوقۇۋاتىدۇ.

2019-يىل ئىيۇل.

ئەسلى ماقالە تىلى : ئىنگىلىزچە