!ھەرىكەتكە چاقىرىق

!ھەرىكەتكە چاقىرىق

!ھەرىكەتكە چاقىرىق

شەرقىي تۇركىستان مۇستەقىللىق كۇنىنى خاتىرىلەش نامايىشى : ۋاشىڭتون 11.13.2019

بىز، شەرقىي تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى بىلەن بىر سەپتە، بارلىق شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرلار، قازاقلار، قىرغىزلار،ئۆزبېكلەر، تاتارلار) خەلقىنى ۋە بارلىق ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنى، پا’ئالىيەتچىلەرنى، زىيالىلارنى، ۋە دىنى ئۆلىمالارنى، دۇنيانىڭ نەرىدە بولىشىدىن قەتىنەزەر بىز بىلەن بىرگە، خىتاينىڭ ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستابىت ئىشغالىيىتى ۋە زۇلۇمىغا قارشى نامايىش قىلىشقا قايتا چاقىرىق قىلىمىز. خەلقىمىز 21-ئەسىردىكى قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىۋاتىدۇ، بىز بارچىڭىزنى سۈكۈتنى بۇزۇپ ھېچ بولمىغاندا ھەپتىدە بىر كۈن (بولمىغاندا شەنبە، يەكشەنبە كۈنى) بولسىمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى نامايىش ئۇيۇشتۇرىشىڭلارنى ۋە تۇرىۋاتقان ساھىبخان دۆلىتىڭلارنى (شەرقىي تۈركىستاندىكى مۇستەملىكە بىلەن زۇلۇمنى ئاخىرلاشتۇرۇش ئۈچۈن) دۆلىتىمىزنى قايتا قۇرۇپ چىقىشىمىزغا ياردەمگە چاقىرىشىڭلارنى سورايمىز

نامايىش نۇقتىلىرى : تۇرىۋاتقان ساھىبخان دۆلەتلىرىڭلاردىكى پارلامىنت بىنالىرى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىرى

خوڭ كوڭ خەلقىدىن ئۈلگە ئېلىپ سۈكۈتنى بۇزۇپ تاشلايلى ! خەلقىمىزنى قۇتقۇزۇشنىڭ ۋە كەلگۈسى مەۋجۇتلۇقىمىزنى ساقلاپ قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. سىياسى ھەق(مۇستەقىللىق) بولماي تۇرۇپ، ئىنسان ھەقلىرىمىز شۇنداقلا دىنى ئەركىنلىكىمىز كاپالەتكە ئىگە بولالمايدۇ. ئورنىمىزدىن دەس تۇرۇپ كوچىلارغا تۆكىلەيلى ! ئەي شەرقى تۈركىستان خەلقى، مەۋجۇتلۇقىمىز قاش بىلەن كىرپىكنىڭ (خەتەر) ئارىسىدا ! – شەرقىي تۇركىستان مىللى ئويغۇنۇش ھەركىتى