دوكتور ئاندېرس كورر: ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە دۆلەت ياردىمى: شەرقى تۈركىستان تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسى ئىمكانىيەتلەر

دوكتور ئاندېرس كورر: ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە دۆلەت ياردىمى: شەرقى تۈركىستان تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسى ئىمكانىيەتلەر

ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە دۆلەت ياردىمى: شەرقى تۈركىستاننىڭ تارىخى ۋە نۆۋەتتىكى سىياسى ئىمكانىيەتلەر

دوكتور ئاندېرس كورر: بۇ ماقالە 2019-يىل 25-مارت ئەنگىلىيە ئوكىسفوردتا سۆزلىگەن نۇتۇقنىڭ ئازراق تۈزىتىلگەن نۇسخىسى. تېرورىزىم تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ پائالىيەتتىكى سەمىمى ساھىبخانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن. مەزكۇر جەمئىيەت رەئىسىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن مۇناسىۋەتلىك ئۇنىۋېرستىتنىڭ نامى تىلغا ئېلىنمىدى.

1922-يىلىدىكى شەرقى ئاسىيا خەرىتىسى. مەنبە : جوھن بارتولومېۋ، تايمىس ئاتلاس، لوندون، 1922.

كۆرۈپ تۇرىۋاتقىنىمىز 1922-يىلى نەشىر قىلىنغان تارىخى خەرىتە، 1921-يىلى خىتاي كومنىست پارتىيىسى شاڭخەيدە قۇرۇلغاندا جۇڭگونىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. غەرپتىكى شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەتنىڭ ئۆزىنى ئىدارە قىلىدىغان -بۈگۈنكىدىن كۆپ ئاپتونومىيىلىك ھوقۇقلۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ.

شەرقى تۈركىستان، خىتاينىڭ غەربى شىمالىدىكى خىتاي ھەربى كۈچ بىلەن بېسىۋالغان ۋە ھۆكۈمەت تەرىپىدىن شىنجاڭ دەپ ئاتالغان رايون. خىتاي تىلىدا ”شىنجاڭ“ يېڭى چېگرا دىگەن مەنىدە. بىراق خىتايلار ئاتايدىغان ”يىپەك يولى“ سودىسىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتلەر كىسىشكەن ”شىنجاڭ“ نىڭ قەدىمى تارىخى بار ھەم خىتاي ئەمەس پارس مەدەنىيىتىگە يېقىنراق. ئۇ- تارىخچىلار سوغدى تورى دەپ نام بەرگەن قەدىمى پارس سودا رايونلىرىنىڭ مەركىزى ئىدى. قەدىمدىن ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمان خەلقلەرنىڭ، موڭغۇللار ، ھىندىلار، گرىكلار، كورېئانلار، بۇدىستلار، خىرىستىيانلارنىڭ ماكانى بولغان. ئەڭ ئاز 1933-يىلىدىكى بىرىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن باشلاپ تۈرك مۇسۇلمان ئاھالە تەرىپىدىن شەرقى تۈركىستان دەپ ئاتالغان. بۈگۈن بېيجىڭدىكى خىتاي كومنىست ھۆكۈمىتى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننى قوللايدىغان ئۇيغۇرلارنى قارا-قويۇق ھالدا بۆلگۈنچىلەر ۋە تېرورچىلار مەناسىدا ۋە مەقسىتىدە قالپاق كىيگۈزدى.

جۇڭگو كومنىست پارتىيىسىنىڭ قىسقارتىلمىسى CCP، تۇپراقنى خەن ئىرقى ئۆزى ۋە خاس كومنىست ئاتىست ئىدىئولوگىيىسى ئاستىدا يۇتىۋېتىش ئۈچۈن بۈگۈنكى“ شىنجاڭ“ دىكى بارلىق تىل، ئېتنىك، دىنلار كۆپ خىللىقىنى مۇستەملىكە ۋە يوق قىلىۋېتىشكە ئۇرۇنماقتا.

بۇ قەدەر باستۇرۇشقا روبىرو كەلگەن بەزى ئۇيغۇرلار ھەقىقەتەن مۇستەقىللىقنى تەشەببۇس قىلدى ۋە تېرورىزىم بىلەن كوچا پاراكەندىچىلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زورلۇق كۈچ قوللاندى. ۋاھالەنكى بېيجىڭنىڭ زوراۋان بۆلگۈنچى ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى سۆز باياناتلىرى ساختا ۋە مۇبالىغە قىلىنغان. كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلار مۇستەقىللىقنى ئارزۇ قىلغاندا- ۋە چۈشۈنىشكە بولىدىغىنى، خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ رايوندىكى رادىكال كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى قىلمىشلىرىغا قارشى قوللىنىلغان ئۇسۇللار ئۇيغۇرلار قىلغان نامايىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، خەلقئارالىق جازالارنى تەلەپ قىلغان، ئاممىغا ئۇچۇر يەتكۈزۈش قاتارلىق ئاساسەن زورلۇقسىز پائالىيەتلەر بولىۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ”شىنجاڭ“ دىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى، خىتاينىڭ دۇنيا دىموكراتىيىسى ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە تەھدىتى سەۋەبلىك ھۆكۈمەتلەر ۋە ئا ق ش بىلەن بىرىتانىيەنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى- زوراۋانسىز، شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەشەببۇس قىلىدىغان گۇرۇپپىلارنى قوللىشى لازىم.

شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئاقلايدىغان نۇرغۇن سەۋەبلەر بار، ئەڭ ئوچۇقى،خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ رايوندىكى بارغانچە ئەۋجىگە چىقىۋاتقان، تۈركى مۇسۇلمانلارنى ئېتنىك قىرغىن قىلىشى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە كۆرە، خىتاي كومنىست پارتىيىسى ھازىر بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە بولغان تۈركى مۇسۇلمانلارنى ”تەربىيلەش“ لاگىرلىرىغا تۇتقۇن قىلدى، ۋە خىتاي قانۇنلىرىغا خىلاپ ھالدا، ئۇلارنىڭ تىلى ۋە دىنى چەكلەندى. خىتاي كومنىست پارتىيىسى تۇيۇق يولدىكى ۋە خاتا بولغان ئاسمىلاتسىيە قىلىش ئۇرىنىشى نەتىجىسىدە مۇسۇلمانلارغا چوشقا گۆشى يىگۈزۈپ، ھاراق ئىچىشكە مەجبۇرلاۋاتىدۇ. خىتاينىڭ ”شىنجاڭ“ دىكى تاكتىكىلىرىنى پەقەت دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ قەبىھ مۇستەملىكە ۋە جاھانگىرلىق قىلمىشلىرىدىن دەپ يەكۈنلەشكە بولىدۇ. ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرى مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننى قوللاشقا يىتەرلىك سەۋەب بولالايدۇ. بۇلار مېنىڭ يېقىنقى ucanews غا يازغان يۈرۈشلۈك تېمىلىرىم ئىدى،  ئاممىغا ئېچىۋېتىشنى سورىدىم، خالىغانچە ئوقۇيالايسىز

بىراق بۇ يەردە تەپەككۈرىمىزنى تېخىمۇ يىراققا قاراتماقچىمەن، ئا ق ش ۋە بىرىتانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى تەلەپ قىلىدىغان زوراۋانسىز ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلەرنى قوللاش پوتانسىئالى( مۇمكىنچىلىقى) ھەققىدە سۆزلىمەكچىمەن. شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى مەسلىسىدە قايىل قىلارلىق ئىنسان ھەقلىرى سەۋەبلىرىدىن سىرت ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە سايلىغۇچىلىرى ۋە سىياسەت بەلگىلىگۈچىلىرىنى جەلب قىلىدىغان تېخىمۇ چوڭ بىر سەۋەب بار، يەنى بارغانچە قۇدرەتلىك ۋە تەھدىت بولىۋاتقان خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ  دۇنياۋى كونتېكىستى(ئەھۋالى). بۇ خىل دۇنياۋى كونتېكىستتە نىمە ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان ”بۆلگۈنچىلىرى“نى قوللاش ئا ق ش ۋە بىرىتانىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش ھالقىلىق مەسىلە، شۇڭا باش تېمىغا قايتىشتىن بۇرۇن بۇ يەردە چوقۇم پاكىتلارنى كۆرسىتىشىم كىرەك.

دۇنيا كونتېكىستىدىكى شەرقى تۈركىستان

خىتاي كومنىست پارتىيىسى 1921-يىلى 1-ئىيۇل شاڭخەيدە قۇرۇلغاندىن بۇيان كۈچى زور دەرىجىدە ئاشتى. ئۇ خىتاي جۇغراپىيىسىدە زورايدى، 1931-يىلىدىكى روس ياردىمىگە ئېرىشكەن شەرقى جەنۇپ تاغلىرىدىكى سوۋىتپەرەس جاڭ كەيشىدىن 1934-يىلى ماي شەنشىدىكى چىكىنىش( ئۇزۇن سەپەر دەپمۇ تونۇلغان) گىچىلىك. 1937-يىلىدىن 1945-يىلغىچىلىك بولغان ياپونغا قارشى ئۇرۇشتا، خىتاي كومنىست پارتىيىسى جاڭ كەيشى مىللەتچىلىكىنىڭ ئاجىزلىشىشىغا چەتتىن قاراپ تۇردى بىراق ئاخىرى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ياردىمىدە ياپونىيەنى مەغلۇپ قىلدى.

1945-1949 يىللار ئارىسىدا سوۋىت قوللىغان خىتاي كومنىست پارتىيىسى ئامېرىكا قوللىغان مىللەتچىلەرنى يېڭىپ دۆلەتنى قولىغا ئالدى. سوۋېتلەر خىتاي كومنىستلىرىنىڭ مەيلىگە ئۇيغۇرلارغا ساتقىنلىق قىلدى. ئۇرۇشتىن ھالسىزلانغان دۇنيا، يۈز مىليونلىغان فوندستېرلىڭلىق سودا ۋە مەبلىغىنى داۋاملاشتۇرۇش ۋە خىتايغا كېڭەيتىش ئۈچۈن، 1950-يىلى تېزلىك بىلەن خىتاي كومنىست پارتىيىسىنى يېڭى ھۆكۈمەت دەپ ئېتراپ قىلدى.

ئۇندىن كىيىن خىتاي دۆلىتى سودا ۋە خەلقئارانىڭ ئېتراپ قىلغان كۈچىدىن پايدىلىنىپ، كومنىستىك تەسىرىنى مالايا، ۋېيتنام، فىلىپىنلارغا ئېكىسپورت قىلدى ۋە 1957-يىلى مۇستەقىل مالايانى، 1975-يىلى بىرلىككە كەلگەن كومنىست ۋېيتنامنى ۋە تېخىمۇ يېقىندا 2016-يىلى دۇتېرتې سايلىمى بىلەن بېيجىڭنى قوللايدىغان مانىلانى پەيدا قىلدى. بۇلار خىتاي دۆلىتىنىڭ ئاسىيادا داۋاملىق كېڭىيىۋاتقان تەسىرىگە مۇناسىۋەتلىك قىسمەن تىزىملىك.

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، كومنىست پارتىيىسىنىڭ چېگرا ئىچىدىكى پۇقرالىرىغا بولغان كونتروللىقىمۇ كۈچىيىۋاتىدۇ، مەسىلەن چوڭ داتا ئامبىرى بىلەن سۈنئى ئىدراك سېستىمىسىغا باغلاپ پۇقرالىرىنىڭ كومنىست پارتىيىگە بولغان سادىقلىقىنى ئىز قوغلايدىغان، دەرىجىگە ئايرىيدىغان، جەمئىيەت ئىناۋەت جۇغلانمىسىغا ئوخشاش تېخنىكىلىق يېڭىلىقلار. جۇڭگو ئۆز چېگرىسىنىڭ ئىچىدىمۇ جەمئىيەت ئىناۋەت جۇغلانمىسى تۆۋەن بولغان پۇقرالار قەرز ۋە ساياھەت قاتارلىقلاردىن مەھرۇم قالىدۇ، ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كوللىكتىپ شەكلىدىكى ئائىلە جازاسى سەۋەبلىك سۈپەتلىك مائارىپتىن مەھرۇم بولىدۇ.

جۇڭگو ھازىر “ بىر يول بىر بەلباغ “ تەرەققىيات پىروگراممىسى ئارقىلىق جەمئىيەت كونتىرولى ۋە تەسىرىنى شەرقى ئاسىيادىن باشقا ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى، ياۋروپا، ئاۋستىرالىيە ۋە يېڭى زىللاندىيەلەرگە كېڭەيتىش خەۋپىدە بولىۋاتىدۇ. ئىككى كۈن بۇرۇن 3-ئاينىڭ 23-كۈنىدە، گ-7 دۆلىتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئىتالىيە-پارا، چىرىكلىك، قەرز تۇزىقى، چەك دەپتىرى دىپلوماتىيىلىرىگە چېتىشلىق تىرىليونلىغان دوللارلىق تەرەققىيات مەبلىغى تەمىنلەيدىغان “ بىر يول بىر بەلباغ“ نى رەسمى ھالدا ئىمزالىدى. جۇڭگو ئىتالىيەگىلا ئەمەس، ئىتالىيە ئارقىلىق پۈتۈن ياۋروپاغا تەسىر كۆرسىتىشنى مەقسەت قىلىۋاتىدۇ. ئىتالىيەنىڭ جۇڭگو سىياسىتى ۋە مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن بولغان ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بار. ھونگىرىيە، گىرىتسىيە قاتارلىق جۇڭگوغا يېقىن دۆلەتلەر-جۇڭگونىڭ تېررىتورىيە تاجاۋۇزچىلىقى، ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى جازالاشقا- ئىنكار بېلىتىنى ئىشلىتىپ بولدى.

جۇڭگو تېز سۈرئەتتە ئېشىۋاتقان بايلىقى بىلەن ئوكسىفورد ئۇنىۋېرستىتى، ئانا مەكتىپىم يالې ئۇنىۋېرستىتى، دوكتورلۇق ئۇنۋانىمغا ئېرىشكەن خارۋارت ئۇنىۋېرستىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ئەڭ نوپۇزلۇق مەكتەپلەرگە تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. جۇڭگو كومنىست پارتىيىسىگە باغلانغان، بىرىتانىيەنىڭ ۋىرجىن ئاراللىرى ۋە موناكودىكى نامى بار قۇرۇق شىركەتتىن كەلگەن مەلۇم فوند جەمئىيىتى 2014-يىلى خارۋارد ئۇنىۋېستىتىغا 350 مىليون دوللار ئىئانە قىلدى. بىر ۋاقىتتا، جۇڭگو ھەربى تەرەپ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىر شىركەت خادىملار مۇكاپاتى ئۈچۈن خارۋارتقا ئون مىليون دوللار ئىئانە قىلدى. خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاكادىمىيەلەر ۋە جۇغراپىيەلەردە توختىماي كۆپىيىۋاتقان ئاياق ئىزلىرى، ئۆز خەلقىگە كونتىروللىقنى كۈچەيتىشى، چەتئەللەردىكى تەسىرلىرى ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيەگە يەرشارى خاراكتىرلىق خەۋپ بولىۋاتىدۇ.

خىتاي كومنىست پارتىيىسىنى ئاجىزلاشتۇرۇش

خىتاي كومنىست پارتىيىسى ئەركىن پىكىر ۋە دېموكراتىيەگە تەھدىت ۋە دۈشمەن، دۇنياۋى ئەركىنلىك ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداشنى خالىساق چوقۇم ئۇنى ئاجىزلىتىشىمىز لازىم. ھەربى، ئىقتىسادى، دىپلوماتىك سىتراتىگىيىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن ئاجىزلىتىش سىتراتىگىيىلىرى مەۋجۇت. بىرلەشكەن دۆلەتلەر ۋە خەلقئارالىق سوت قاتارلىق جايلاردا جۇڭگو تېخنىكا، بازار، دىپلوماتىك يوللاردىن چەتتە قالدۇرۇلسا بولىدۇ ھەم شۇنداق قىلىنىشى كىرەك. ئامېرىكا، ياپونىيە، ھىندىستان- جۇڭگونىڭ شەرقى ۋە جەنۇبى دېڭىز بىلەن ھىمالايا تاغلىرىنىڭ تېرىتورىيىلىك سالاھىيىتىنى ئۆزگەرتىش ئۇرۇنۇشىغا ھەربى جەھەتتىن روبىرو كىلىۋاتىدۇ.

بىراق خىتاي كومنىست پارتىيىسىنى ئىچكى جەھەتتىن ئاجىزلىتىشىمىز ھەم مۇمكىن، مەسىلەن خىتاي كومنىست پارتىيىسى خىتاي تۇپرىقى دەۋالغان جايلارغا كىرىشتىن چەكلىنىشنى مۇمكىن، ئۇ تۇپراقلار ”شىنجاڭ“ ۋە ”شىزاڭ“ نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ قېتىملىق نۇتۇقنىڭ ئاساسى نۇقتىسى ”شىنجاڭ“ بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇنىڭغا مەركەزلىشىمەن. بىز شەرقى تۈركىستاننى مۇستەقىللىققە ئېرىشتۈرۈش ئارقىلىق خىتاي كومنىست پارتىيىسىنى ئاجىزلىتىپ، جۇڭگودىكىلا ئەمەس پۈتۈن دۇنيادىكى دېموكراتىيە ۋە ئىنسان ھەقلىرىنىڭ كەلگۈسىنى ياخشىلىيالىشىمىز مۇمكىن.

ئوچۇق سورۇنلاردا جۇڭگونى ”رىقابەتچى“ ياكى ”رەقىپ“ دەۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمەتلىرى شۇنداقلا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئاسىيا ئىتتىپاقداشلىرى بارغانچە دۈشمەن دەپ قاراۋاتىدۇ. بۇ ئىتتىپاقداشلار مەلۇم مەزگىلدە زوراۋانسىز ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى ئىقتىسادى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتلەردىن يۆلەش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدىغان شەرقى تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىق ئىستىراتىگىيىسىنى قوللىشى مۇمكىن.

جۇڭگو تۇپرىقىنى قوشۇۋالغان، دېڭىز ۋە سۇ مەنبەسى زىددىيەتلىرى بولغان نۇرغۇن باشقا دۆلەتلەرمۇ خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ ئىچىدىن ئاجىزلىتىش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللىشى مۇمكىن . جۇڭگو ياپونىيە، كورىيە، تەيۋەن، فىلىپىن، مالايسىيا، برۈنېي، ھىندونوزىيە، بۇتانلاردىن دېڭىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زىمىن ئايرىۋالماقچى بولىۋاتىدۇ. جۇڭگو ”شىزاڭ“ ئارقىلىق ”شىنجاڭ“غا  سۇ باشلىماقچى بولىۋاتىدۇ، بۇ ”چىڭخەي-شىزاڭ“ ئىگىزلىكى سۇ مەنبەسىدىن مەنپەئەتلىنىۋاتقان ھىندىستان، ۋېيتنام، باڭگىلاداش قاتارلىق- شەرقى تۈركىستان ۋە تىبەت مۇستەقىللىقىنى قوللاشقا قىزىقىش ئىھتىماللىقى بولغان- تۆۋەنكى ئېقىندىكى دۆلەتلەرگە زىيان سالىدۇ. تۈركىيە، موڭغۇلىيە، قازاقىستان خەلقى ئېتنىك جەھەتتىن ”شىنجاڭ“ دا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان مىللەتلەرگە يېقىن، بۇ دۆلەتلەرنىڭمۇ جۇڭگونىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىشنى خالاشقا ۋە نۆۋەتتىكى خىتاي چېگراسىدىكى ئېتنىك قېرىنداشلىرىنىڭ دىنى ۋە تىل ھوقۇقلىرىنى قوغداشقا سەۋەبى بار. ھەتتا ھازىر جۇڭگوغا يېقىن دۆلەتلەرمۇ، مەسىلەن روسىيە، پاكىستان، كامبودژا ۋە لائوسلار جۇڭگونىڭ زومىگەرلىك قارا نىيىتىدىن ئەندىشە قىلىش ھەققى بار.

شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قوللاشنىڭ خەۋپلىرى

ۋەھالەنكى، ھۆكۈمەتنىڭ زوراۋانسىز ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى قوللاش سىتراتىگىيىسىگە باغلانغان زور ۋە ھەل قىلغۇچ خەتەر بولىشى مۇمكىن. ئەڭ چوڭ مۇمكىنچىلىك، خىتاي كومنىست پارتىيىسى يەرلىكتە مۇستەقىلچىلەر بىلەن ئۇرۇش قىلىپ زور ئادەم چىقىمى ۋە رايوندىن كەڭ كۆلەملىك مۇساپىرلار دولقۇنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن. جۇڭگونىڭ نۆۋەتتىكى ئېتنىك تازىلىشى ئېتنىك قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە كۆتىرىلىشى مۇمكىن. خىتاي كومنىست پارتىيىسى – زوراۋانسىز مۇستەقىلچىلەرگە بولغان سىرتقى دۇنيانىڭ ياردىمىنى ئۇرۇش قىلمىشى دەپ تونۇشى ۋە شۇ ۋەجىدىن تېخىمۇ چوڭ ھەربى توقۇنۇشقا يول ئېچىلىپ، يادرو قوراللار ئىشلىتىلىدىغان جۇڭگو ئامېرىكا ئۇرىشى پارتلىشى مۇمكىن. جۇڭگوچە تەھدىتلەر تارىختىن بۇيان خەلقئارالىق(شەرتنامە) تاناسىپنىڭ قانۇنى پرىنسىپلىرىغا ھۆرمەت قىلمىدى.

ئەگەر جۇڭگو زوراۋانسىز ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى يەڭسە، ماددى جەھەتتىنمۇ شۇنداقلا كەلگۈسىدە، پۈتۈن دۇنيادا خەلقئارا مۇناسىۋەتلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئوخشاش تۈردىكى تەھدىتكە ئۇچراشنى ھەل قىلىپ خىتاي كومنىست پارتىيىسىنى كۈچلەندۈرىدۇ. شۇڭا بۈگۈن بىزنىڭ مۇنازىرە قىلىۋاتقىنىمىز كۆپ ھاللاردا مۇشۇنىڭدەك ناھايىتى خەۋپى بولغان تاللاش بولغانلىقى ئۈچۈن ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قىلىنمايدىغان سىياسى تاللاش. ئەگەر جۇڭگو بۇنى جىددى بىر تاللاش دەپ قارىسا، تۈرك مۇسۇلمانلارغا بۈگۈنكىدىن تېخىمۇ ئۈزۈل-كىسىل زۇلۇم قىلىپ ئۆزىنى قوغدىشى مۇمكىن شۇڭا ھەتتا ئوچۇق-ئاشكارا مۇنازىرە قىلىشنىڭمۇ بەدىلى بار.

بىراق ئۇيغۇرلارنى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ داۋاملىق باستۇرۇشىغا ۋە نۆۋەتتىكى چېگراسىدا چەكلىمىسىز زورىيىشىغا يول قويۇشمۇ بىر تۈرلۈك خەتەرلىك سىياسەت. شۇڭا ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى مۈشكۈل ئەھۋالدا قالدى.

زوراۋانسىز ھەرىكەتلىرى چەتئەللەر بىلەن چەكلىنىدىغان ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلەرنى قوللاش بۇ خىل مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنىڭ يولى بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭ بىلەن شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارغا قارىتا قايتارما زەربىنى چەكلەپ قېلىشى مۇمكىن ھەمدە ئۇيغۇرلار ئەھۋالى ھەققىدىكى دۇنيا خاراكتىرلىك ئاممىۋى تەربىيىنى كۈچەيتىش شۇنداقلا شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كومنىست يۇقىرى ئەمەلدارلىرىنى ئىقتىسادى ۋە شەخسى جازالاشنى قوللاش قاتارلىقلار شەرقى تۈركىستاندىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلىشى ياكى شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىگە يول ئېچىشى مۇمكىن. قانداقلا نەتىجە بولىشىدىن قەتئىنەزەر، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ۋە ياپونىيە، تەيۋەن، ھىندىستان قاتارلىق باشقا دۆلەتلەر بىلەن بولغان جىددى ھەربى ھالەتنى پەسەيتىشى مۇمكىن.

تېرورىستلار، قوزغىلاڭچىلار ۋە زوراۋانسىز مۇستەقىلچىلەر

ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرى ھەققىدىكى ھەرقانداق مۇنازىرىلەردە ئانالىستىك ئېنىقلىما ۋە بۆلگۈنچىلىك، توپىلاڭ ۋە تېرورىزىملارنى پەرقلەندۈرۈش ئىنتايىن مۇھىم. مەن ئۇلارغا تۆۋەندىكىدەك ئېنىقلىما بىرىمەن.

بۆلگۈنچىلىك بولسا مەلۇم گۇرۇپپا كىشىلەرنىڭ تېخىمۇ چوڭ بىر قۇرۇلمىدىن ئايرىلىشىنى قوللاش ياكى ئەمىلىيەتكە ئاشۇرۇشىنى كۆرسىتىدۇ.

تېرورىزىم بولسا غەيرى ھۆكۈمەتلەرنىڭ مەلۇم سىياسى مەقسەتلەرگە يىتىش يولىدا پۇقرالارغا زورلۇق كۈچى قوللىنىشىنى كۆرسىتىدۇ.

توپىلاڭ بولسا بىر مەيدان ئاكتىپ ئىسيان ياكى قوزغىلاڭ.

زوراۋانسىزلىق بولسا قەتئى ھالدا، قورال كۈچى بىلەن ئەمەس تېنچلىق يولى بىلەن سىياسى ياكى ئىجتىمائى ئۆزگىرىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ.

جۇڭگو تېرورىزىم، بۆلگۈنچىلىك، زوراۋان توپىلاڭلارنى تەڭداشلاشتۇرۇشقا ئۇرىنىدۇ، بىراق مۇتلەق شۇنداق ئەمەس. ساپ زوراۋانسىز مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قىلىش مۇمكىن، ۋە مۇشۇ تۈردىكى زوراۋانسىز مۇستەقىللىق بىز قوللاشقا بولىدىغان تۈر.

شۇنىڭ ئۈچۈن بۈگۈن مۇلاھىزە قىلىدىغىنىمىز ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەتلەرنىڭ- زوراۋانلىق بىلەن پۇقرالارنى نىشان قىلىدىغان تېرورىزىمنى قوللىشى ئەمەس بەلكى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەتلەرنىڭ زوراۋانسىز مۇستەقىللىقنى قوللاشتەك سىياسى ئىمكانىيىتى.

ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل تاللىشىنىڭ يەنە بىر پەللىسى- مەۋجۇت بولغان ئۇيغۇرلارنىڭ تېرورىزىمنى قوللىنىشىنى ئازلىتىش ۋە زوراۋان ئىنىرگىيىلەرنى زوراۋانسىز ئۇسۇللارغا يۆنلەندۈرۈش بولىشى مۇمكىن. نۆۋەتتىكى مەۋجۇت بەزى زوراۋان ئۇيغۇر گۇرۇھلارنىڭ زوراۋانسىزلىققا ئايلىنىش پوتانسىئالى(مۇمكىنچىلىقى) بار. 2016-يىل ئىيۇلدا ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى(ت ئى پ)نى تېرورلۇق گۇرۇپىسى قاتارىغا كىرگۈزدى، ئۇ پاكىستان، سۈرىيە ۋە خىتايدا ھەرىكەت قىلىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ت ئى پ نى چەكلىدى، تېرورىزىمنى يەكلەش تىزىملىكى قاتارىدا ئامېرىكا تەرىپىدىن جازالاندى. ت ئى پ يەنە شەرقى تۈركىستان ئىسلام پارتىيىسى(ش ت ئى پ) ، شەرقى تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى (ش ت ئى ھ) ۋە ھىزب ئەل ئىسلام ئەل تۈركىستانى (ھ ئە ئە ت)دەپمۇ تونۇلغان. بۇ گۇرۇپپىلار زوراۋانسىزلىققا قايتالايدۇ ۋە قايتىشى كىرەك دىگەننىڭ ئۇسۇلى، ئوچۇق-ئاشكارا زوراۋانسىزلىق باياناتنامىسى جاكارلىغاندىن كىيىن ۋە ئۇدا زوراۋانسىز ۋاستە قوللانغانلىقى ئىسپاتلانغاندىن كىيىن، ئۇلارغا ۋەكالىتەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ئامېرىكا، ئەنگىلىيەگە ئىلتىماس سۇنۇپ بۇ گۇرۇپلارنى چەكلەنگەن تىزىملىكلەردىن چىقىرىۋېتىشكە بولىدۇ.

نۆۋەتتە ئافغانىستاندىكى تالىباننى ئۆزگەرتىدىغان ئوخشاشراق بىر تەرتىپ قوللاشقا ئېرىشىۋاتىدۇ، مەسىلەن توپىلاڭچى گۇرۇپتىن زوراۋانسىز سايلام پارتىيىسىگە ئايلىنىش. 2011- يىلدىن 2013- يىلغىچىلىك ئافغانىستاندا شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا خىزمەت قىلىۋاتقىنىمدا بۇ خىل توپىلاڭچىلارنى نورمال زوراۋانسىز پۇقراغا ئايلاندۇرۇش شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ جەمئىيەتكە قايتىش ھەرىكىتىدە تۈزۈملەشتۈرۈلۈپ بولغان ئىدى.

چەتئەل مۇستەقىلچىلىرى ۋە قوزغىلاڭلىرىنىڭ دۆلەت ياردىمىگە ئېرىشىش تارىخى

ئۇيغۇر تېرورىستلىرىنى زوراۋانسىز ئاكتىۋىست گۇرۇپلارغا يۆنلەندۈرۈش بولسا چوڭ دۈشمەن كۈچلەر ئىچكى ئامىللاردىن پايدىلىنىپ، تېرورىزىم ياكى توپىلاڭلارغا دۆلەت ياردىمى بىرىپ، بىر-بىرىنى مۇقىمسىزلاشتۇرغانلىقىدەك تارىخى ۋەقەلەردە كۆرگەنلىرىمىزگە سېلىشتۇرغاندا كۆپ مۆتىدىلدۇر.

چەتئەللىك ئىچكى مەنپەئەت گۇرۇھلىرى، بۆلگۈنچىلەر، توپىلاڭچىلار، تېرورىستلارغا دۆلەت ياردىمى بىرىشنىڭ ئۇزۇن تارىخى بار. بۇ تۈردىكى ھۆكۈمەتسىز ئاكتىيورلار دائىم ”ئەركىنلىك جەڭچىلىرى“ دەپ ئاتىلىپ، زوراۋان ھەرىكەتلەرگە رىغبەتلەندۈرىلىدۇ، دۈشمەن كۈچلەر بىلەن زوراۋان ھۆكۈمرانلارغا قارشى قورال قىلىپ قوللىنىلىدۇ. بۇ-مەقسەتلىك قوللىنىلغان ئىچكى خەلققە نىسبەتەن تىپىك ئىنسانلىق ئاپىتى شۇنداقلا ئىچكى مۇقىمسىزلىق ھەتتا دۈشمەن دۆلەتنىڭ پارچىلىنىشى بىلەن نەتىجىلىنىدۇ، گەرچە مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇرۇش سىتراتىگىيىسى دەپ قاراشقا بولسىمۇ، پۇقرالارنىڭ ئۆلۈم-يىتىم چىقىمى ناھايىتى ئېغىر بولۇش ئىھتىماللىقى يۇقىرى.

بۇ تاكتىكىنىڭ تارىخى قەدىمى گىرىتسىيەگە يىتىپ بارىدۇ. مىلادىدىن بۇرۇنقى 430-يىلى كۈچلۈك كورىنتوس ۋە كوركىيرا شەھەرلىرى رىقابەتچىلەر ئىدى، ئارىسىدىكى ئاجىز ئېپىدامنۇس شەھرى بولسا ئىچكى ئىختىلاپلارنى كوزىر قىلىپ بىر بىرىگە قارشى تۇرۇشتا قوللىنىدىغان نىشانى ئىدى. كورىنتوسلار سۈرگۈندىكى ئاقسۆڭەكلەرگە قارشى دىموكراتىك ئىسيانلارنى قوللىدى. كوركىيراسلار ئاقسۆڭەكلەر بىلەن ئىتتىپاقلاشتى. كوركىيراسلار دېڭىز ئۇرۇشىدا يېڭىپ ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈردى. كورىنتوسلاردىن باشقا بارلىق يەرلىك ئەسىرلەرنى ئۆلتۈرىۋەتتى. مانا بۇنىڭدىن چوڭ كۈچلەر ئۈچىنجى تەرەپتىن پايدىلىنىپ ئۇرۇشقاندا شۇ يەرلىك خەلقلەرگە كىلىدىغان خەتەرنى سۈرەتلەپ بىرىدۇ. كورىنتوسلار قۇدرەتلىك سىپارتانىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىدى شۇڭا كوركىيراسلار دىموكراتىك ئەمما ئىمپىرىيالىست ئاتىنا بىلەن ئىتتىپاق تۈزگەن ئىدى. بۇ ۋەقە مىلادىدىن بۇرۇنقى 404-يىلى ئىستىبدات سىپارتا ۋە ئۇنىڭ مۇستەقىل ئىتتىپاقداشلىرى غەلىبە قازانغان پېلوپپونىسىيا ئۇرۇشىنىڭ تارىخىنى باشلىدى.

دۈشمەنگە قارشى ئىچكى مەنپەئەتلەرنى قوللىنىش تېمىسى ئامېرىكا ۋە بىرىتانىيە تارىخىدا كۆرۈلگەن. فىرانسىيە-ئامېرىكىنىڭ 1775-1783-يىللاردىكى بىرىتانىيەگە قارشى ئىنقىلابى ئۇرۇشىنى قوللىغان، نەتىجىدە مۇستەقىل ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى دۇنياغا كەلدى. بىرىتانىيەدىن يارىدارلارنى ئىچىگە ئالغان تەخمىنەن 24 مىڭ ئۆلۈم-يىتىم بولدى، 23مىڭ ئامېرىكىلىق(يارىدارلاردىن سىرت) ئۆلۈپ كەتتى.

ئامېرىكا، روسىيە ۋە خىتاي كومنىستلىرى ئارىسىدىكى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىنىڭ، بۇ دۆلەتلەر بىر بىرىنىڭ تۇپراقلىرىدىكى شۇنداقلا بىر بىرىنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىدىكى قوزغىلاڭلار ۋە قارشى ئېقىملارنى قوللىغان ئۇزۇن تارىخى بار.

1951-يىلى خىتاي كومنىست پارتىيىسى تىبەتنى بېسىۋالدى. 1956-يىلغىچىلىك تىبەت ئىنقىلاپچىلار كومنىست خادىملار ۋە خىتايلارنى ئۆلتۈرىۋاتقان ئىدى ۋە 1959 دا مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى ( CIA) كولورادودا تىبەت قوزغىلاڭچىلىرىنى تەربىيلەۋاتقان ئىدى. ئۇ تىرىشچانلىق 1972-يىلى پىرىزىدىنت نىكسوننىڭ خىتاي كومنىست پارتىيىسى بىلەن مۇناسىۋەتنى ئۈزىشى ئارقىسىدا ئاخىرلاشتى. تىبەت سۈرگۈندى ھۆكۈمىتىنىڭ مەنبەلىرىدە 1951-يىلدىن 1984-يىلغىچىلىك بىر مىليون 200 مىڭ تىبەت غەيرى تەبىئى سەۋەپلەردىن ئۆلۈپ كەتتى دەپ ئېيتىدۇ: 432705 قوزغىلاڭدا ئۆلتۈرۈلگەن، 342970 ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كەتكەن، 173221 تۈرمىدە ئۆلگەن، 156758 ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن، 92731 قىيىن-قىستاقتا ئۆلتۈرۈلگەن، 9002 ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان. بۇ بىر تۈرلۈك ئىرقى قىرغىنچىلىق دەپ تونۇلىشى كىرەك ھەمدە بۈگۈنكى ”شىنجاڭ“ دا زوراۋان مۇستەقىللىقنىڭ خەتىرىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.

1979-يىلدىن 1989-يىلغىچىلىك ئامېرىكا، ئافغانىستاندىكى سوۋىت مۇستەملىكىسىگە قارشى مۇجاھىدلارنى قوللىغان ئىدى، پاكىستان بىلەن جۇڭگو ياردەملەشكەن. 90مىڭ مۇجاھىد، 18000 ئافغان ئەسكەر، 14500 سوۋىت ئەسكىرى بىلەن بىللە بىر مىليون ئافغان پۇقراسى ئۆلگەن ئىدى. سوۋىت پارچىلانغاندىن كىيىن ئىچكى ئۇرۇش ئەۋج ئالدى، 1996‐يىلى تالىبانلار ھوقۇقنى ئالدى. ئۇلار ئەلقائىدە، ئوساما بىنلادىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق تېرورىزىمنى قوللىدى، ۋە 2001-يىلى ئافغانىستان ئۇرىشى پارتلىدى. ئەگەر زوراۋان قوزغىلاڭنى قوللىساق بۈگۈنكى ”شىنجاڭ“ دىمۇ يۈز بىرىشى مۇمكىن.

1981-يىلدىن 1986-يىلغىچىلىك رىگان ھۆكۈمىتى نىكاراگۇا ئەكسىلئىنقىلاپچىلىرىنى پۇل، قورال ۋە ئەشيا بىلەن قوللىغان ئىدى. بۇ ئەكسىلئىنقىلاپچىلار كومنىست ساندىنىستا ھۆكۈمىتىگە قارشى ھەرىكەت قىلدى، بۇ ھۆكۈمەتمۇ سالۋادوردىكى كومنىست ئىسيانچىلارنى قوللىغان ئىدى. ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ئەكسىلئىنقىلاپچىلار تېرورلۇق ۋاستىلىرى بىلەن يەرلىك خەلقنى ساندىنىستا ھۆكۈمىتىنى قوللاشتىن قايتۇرماقچى بولغان. تاكتىكا مەغلۇپ بولدى. 1988-يىلىدىكى ئۇرۇش توختىتىش 1990-يىلىدىكى خەلقئارانىڭ نازارىتىدە سايلام ئۆتكۈزۈپ، ساندىنىستلارنىڭ غەلىبە قىلىشى، 30 مىڭدەك نىكاراگۇانىڭ ئۆلىشى، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ يارىلىنىشى بىلەن نەتىجىلەندى. چەتئەللەردىكى زورلۇق ھەرىكەتلەرنى قوللاش، يەرلىكتىكى ”ئازات“ قىلىنماقچى بولغان زۇلۇم ئاستىدىكى خەلققە ياخشىلىق ئېلىپ كىلىش بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.

ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە دۆلەت ياردىمىنىڭ تارىخى

جۇڭگودىكى ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلەرنىڭ چەتئەل ياردىمىگە ئېرىشكەن تارىخى مىساللارمۇ بار، ئادەم كۈچى چىقىمى ئەمەس بەلكى رىقابەتچى دۆلەتلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا كۆپى مۇۋاپىقىيەتلىك بولغان. 1871-يىلى روسىيە شەرقى تۈركىستاننىڭ بەزى جايلىرىنى بېسىۋالماقچى ۋە تەسىر كۆرسەتمەكچى بولىدۇ. ئۇ چاغدا روسىيە ۋە بىرىتانىيە مۇسۇلمان مۇستەقىلچى ياقۇپ بەگنى قورال ۋە سودا كىلىشىملىرى ئارقىلىق قوللىغان ئىدى.

سىتالىن ئوخشاش يولغا ئەگەشتى، غەربى شىمالدىكى مۇسۇلمان مۇستەقىلچىلەرلا ئەمەس، جۇڭگونىڭ شەرقى جەنۇبىدىكى ماۋ كومنىستلىرىنىمۇ، خىتاي مىللەتچىلىرىنى ئاجىزلاشتۇرىدىغان بارلىق كۈچلەرنى قوللىدى. سىتالىن ھەتتا شۇ جايدىكى مىللەتلەر تارىخى پاكىتلاردىن ئۇيغۇر كىملىكىنى قۇرۇپ چىققان ھەم بۇ بىرلىككە كەلگەن نام ئاستىدا يەنە نۇرغۇن ئۇيغۇر بولمىغان تۈرك مۇسۇلمان كىملىكلىرىنى ياساپ چىققان دەپ قارىلىدۇ. سوۋىت 1933-يىلدىكى بىرىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە 1944-يىلىدىكى ئىككىنجى جۇمھۇرىيەتنى قوللىغان. سىتالىن 1937-يىلدىن 1945-يىلغىچە ياپونغا قارشى تۇرۇشتا ياردىمىگە ئىھتىياجلىق مەزگىلدە جۇڭگو مىللەتچىلىرىگە بولغان بېسىمنى ئازايتىدۇ، ياپونلار يېڭىلگەندىن كىيىن تۇيۇقسىز ئاخىرلاشتۇرىدۇ. سىتالىن جاڭ كىيىشنىڭ مىللەتچىلىكى ياكى ئۇيغۇرلارغا ئىھتىياجى قالمىغاندا ماۋ ۋە خىتاي كومنىستلىرىغا ئېغىپ، ئۇلارغا يۈزسىزلىق قىلىدۇ. كىيىنكىسى سىتالىننىڭ ھاكىممۇتلەق كوممىنىزىمىغا تېخىمۇ ماس كەلگەن ئىدى ھەم نۆۋىتىدە ئۇنىڭدىنمۇ يۈز ئۆرىدى.

بۈگۈنكى زوراۋانسىز تاللاش

بىرىنجى ۋە ئىككىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھازىرقى خىتاي كومنىست پارتىيىسى كونتىروللىقىدىكى تېرىتورىيەدە ھەربى كۈچكە ئىگە بولغان. بۈگۈن مۇستەقىل شەرقى تۈركىستان ئۈچۈن ئوخشاش ھەربى كۈچ ئۇسۇلى جۇڭگونىڭ ياقتۇرىدىغان زىمىنىدا جۇڭگونىڭ كۈچلىنىشىگە رول ئوينىشى مۇمكىن. ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلەر ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ”شىنجاڭ ”دىكى نۆۋەتتىكى مۇقىم، زور ئارمىيىسىنى ھەربى جەھەتتىن يېڭىشنىڭ ئاسان يولى يوق. ئەڭ ياخشى ئىھتىماللىق، خۇددى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداش كۈچلىرىنىڭ ۋېيتنام ياكى ئافغانىستاندىكىدەك، رايوندا قاتمال ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، جەريان ئەڭ ئاز بىر مىليون تۈرك مۇسۇلماننىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئىھتىماللىق بار.

بۈگۈن خىتاي كومنىست پارتىيىسىنى مەغلۇپ قىلىش ۋە مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننى قۇرۇشنىڭ تېخىمۇ دانا يوللىرى بار. ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئىتتىپاقداش ھۆكۈمەتلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دانا ، زوراۋانسىز مېتودلارنى قوللىسا بولىدۇ:

خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ ”شىنجاڭ“ دىكى جىنايەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك ئاممىۋى تەربىيە

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، خەلقئارالىق جىنايى سوت قاتارلىق جايلاردا ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسى

ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈركى تىللىق مۇسۇلمانلارغا سىياسى پاناھلىق تەمىنلەش

خىتاي شىركەتلىرىگە ئىقتىسادى جازا، شى جىنپىڭ ۋە ئېتنىك تازىلاشقا ھەمدەم بولغان باشقا كومنىست پارتىيە ئەمەلدارلىرىغا جازا يۈرگۈزۈش

ئۇيغۇرلار ئۇيۇشتۇرغان زوراۋانسىز ھەرىكەتلەر، نامايىشلار ۋە سىياسى پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلار بىلەن پاناھلانغۇچىلارنىڭ سانىنى كۆپەيتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پائالىيەتلىرىنى قوللاش.

يۇقىرىقى زوراۋانسىز تاكتىكىلار ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىدىن قايتۇرۇش ۋە تېرورىست چاقىرىقلىرىغا مۇداپىئەسى ئاجىز بولغان چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى رادىكاللىشىشتىن توسۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.

زوراۋانسىز ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىگە دۆلەت ياردىمى بىرىشنىڭ چىقىمى ۋە پايدىلىرى

بۆلگۈنچىلىك- جۇڭگو ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دۆلەت خائىنلىقى، توپىلاڭ ۋە ھەتتا تېرورلۇق دەپ قارىلىدۇ. بېيجىڭنىڭ نۇقتىنەزىرىدىن يۇقىرىقى تۈرلەر بىرىكىپ كەتكەن ۋە ئۆز ئارا مۇناسىۋەتلىك شۇڭا زوراۋانسىز شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقى تەشەببۇسلىرىنىمۇ شىددەتلىك باستۇرۇش ئۇسۇللىرى ئۇلارنىڭ ئېڭىدا يوللۇق ھىسابلىنىدۇ. بۇ غەرپ دىموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بۆلگۈنچىلەرگە بولغان پوزىتسىيەسى بىلەن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. بىرىتانىيە، كانادا ۋە ئىسپانىيەدە زوراۋانسىز سىكوتلاندىيە، كېبەك ۋە كاتالانىيە مۇستەقىللىق تەشەببۇسلىرى قانۇنلۇق ئاممىۋى نۇتۇقلارنىڭ بىر تۈرى قاتارىدا قوبۇل قىلىنىدۇ، بۇ دۆلەتلەر ھەتتا شۇ رايونلارنىڭ مۇستەقىللىقى ئۈچۈن بىلەت تاشلاشقا رۇخسەت قىلىدۇ.

خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ باستۇرمىچىلىق تەبىئىتى مۇستەقىللىقنىڭ تەلىپى ۋە جەلىپ قىلىش كۈچىنى غەرپتىكى دىموكراتىيەدىن كۈچلۈك قىلدى بىراق ھەتتا زوراۋانسىز مۇستەقىللىق ھەرىكەتلىرىگە قارىتا باستۇرۇشلىرىنىمۇ ناھايىتى ۋەيران قىلغۇچ قىلىۋەتتى. ”شىنجاڭ“ دىكى ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ چىقىمى-مىليون ئىنسان ئۆلۈپ كىتىشى مۇمكىن، بۇ ساننى كىچىكلىتىشكە بولمايدۇ. نۇرغۇن ئۇيغۇرلار ئىرقى قىرغىنچىلىقنىڭ باشلىنىپ بولغانلىقىدىن گۇماندا، ئېتنىك تازىلاشنىڭ باشلانغىنىدا بولسا شۈبھە يوق.

ئەگەر شەرقى تۈركىستاندىكى زوراۋانسىز مۇستەقىللىق ھەرىكىتى ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ دۆلەت ياردىمى ئارقىلىق تۈزۈملەشتۈرۈلسە، خىتاي كومنىست پارتىيىسىنىڭ ”شىنجاڭ“ دىكى ھوقۇقىنىڭ مۇستەھكەملىنىشى ئىرقى قىرغىنچىلىق ئىھتىماللىقىنى ئاشۇرۋېتىدۇ. بۇ ھال جۇڭگونى ئۆز ئىچىدە ھازىرقىدىن تېخىمۇ كۈچلۈك، خەلقئارادا تېخىمۇ يالغۇز قويىشى مۇمكىن.

مۇھىم بولغىنى، ”شىنجاڭ“ دىكى زوراۋانلىق تۈسىدىكى مۇستەقىللىق ھەرىكىتى قىرغىنچىلىق ھەتتا تۈرك مۇسۇلمانلار ئۈستىدە ئىرقى قىرغىنچىلىققا يول ئېچىش ئىھتىماللىقى يۇقىرى. خىتاي چېگراسى سىرتىدا ئىجرا قىلىنىدىغان زوراۋانسىز مۇستەقىللىق پائالىيەتلىرى، ئىقتىسادى جازالاشنىڭ كۈچلۈك تاكتىكىلىرى، بايقۇت ۋە زوراۋانسىز بىۋاستە ھەرىكەتلەر مۇنازىرىسىز ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى مۇسۇلمانلارغا نىسبەتەن تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ۋە بىخەتەر. كىيىنكى زوراۋانسىز ھەرىكەتلەر دۇنيا جامائەت پىكرى ۋە دۇنيادىكى دىموكراتىيەلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقداشلىرى ئارقىلىق سىياسى ۋە جامائەت جەھەتتىن جۇڭگونى يالغۇز قالدۇرۇپ ۋە بېسىم قىلىپ تۈرك مۇسۇلمانلارنىڭ ئەھۋالىنى ياخشىلاتقۇزۇش، ئاخىرىدا ئۇلارغا مەدەنىيەت، دىن، ئېتنىك، تىل ھەقلىرىنى شۇنداقلا مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننى ئاتا قىلىش.

ۋىدىئو( ئىنگىلىز تىلى) : دوكتور ئاندېرس كورر [خىتايغا ئۇيغۇر قارشىلىقى] تېرورىزىم تەتقىقاتى جەمئىيىتىنىڭ ساھىبخانلىقىدىكى نۇتۇق. [ئوكسىفورد ]

ئاخىرىدا ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلىغىنىڭلارغا رەھمەت ئېيتىمەن ۋە تىڭشىغۇچىلارنى سوئال سوراشقا تەكلىپ قىلىمەن.

ئاندېرس كورر ئەپەندى ”سىياسى خەۋپ“ ژۇرنىلىنىڭ نەشىر قىلغۇچىسى، ”بۈيۈك كۈچلەر“، ”چوڭ سىتراتىگىيىلەر: جەنۇبى دېڭىز ياقىسىدىكى يېڭى ئويۇن( ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيە نەشرىياتى 2018) “ نىڭ تەھرىرى. خارۋارد ئۇنىۋېرستىتى ئىدارە ئىلمىدىن دوكتۇرلۇق ئۇنىۋانى، يالې ئۇنىۋېرستىتىدىن باكلاۋۇرلۇق ۋە ماگىستىرلىققا ئېرىشكەن. ئامېرىكا ھەربى ئىستىخباراتىدا (جۇڭگو ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان ) بەش يىل خىزمەت قىلغان. شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتىنىڭ مەسلىھەتچىسى. بۇ نۇتۇق 2019-يىل 29-ئاپرىل ئازراق تۈزىتىلدى.

Twitter: @anderscorr