ئۈچىنجى بۆلۈم، شەرقى تۈركىستان: ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن 1950-يىلغىچە

ئۈچىنجى بۆلۈم، شەرقى تۈركىستان: ئەپيۇن ئۇرۇشىدىن 1950-يىلغىچە

مۇسۇلمانلار ئىسيانى ۋە روس تەسىرى سەۋەپلىك سىياسى قۇرۇلمىلاردا ئۇيغۇر تەسىرىنىڭ ئېشىشى

1839-1842 ئارىسىدا خىتاينىڭ شەرقى جەنۇبى دېڭىز ياقىسىدا يۈز بەرگەن ئەپيۇن ئۇرىشى ۋە كىيىنكى خىتايلار ئىسيانلىرى چىڭ سۇلالىسىگە ئىقتىسادى بېسىم پەيدا قىلدى. 1846-يىلى ۋە 1857-يىلى ئافاقىلار چېگرا ئاتلاپ قەشقەرگە ھۇجۇم قىلدى بىراق چىڭ سۇلالىسى رايوندىكى قوشۇنىنى ئۈچ ھەسسىلەپ سەككىز مىڭغا يەتكۈزدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە تۇڭگان( خىتاي مۇسۇلمان ) سودىگەرلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ ئۇلارنىڭ ھۇجۇمىنى توسۇپ قالدى.

1853-يىلىغا كەلگەندە چىڭ، شەرقى تۈركىستاندىكى ئەسكەر ۋە ئەمەلدارلىرىغا كۈمۈش خىراجەت بىرىشنى پۈتۈنلەي توختىتىپ ئۇلارنى جان بېقىش يولى تېپىشقا مەجبۇر قىلدى، مەسىلەن مىس كانلاردا ھاشارغا سالىدىغان تۈزۈم ئورناتتى، بۇ قىلمىشلار مۇسۇلمانلارنىڭ چىڭغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنى ئۆرلىتىۋەتتى. تارىم ئويمانلىقىنىڭ شىمالىدىكى، شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبى ناھىيىسى كۇچاردا 1864-يىلى تۇڭگانلار ئىسيان قوزغىدى. تۇڭگانلارنى قىرىدىكەن دەيدىغان ئىغۋالار ئىلاھى ئۇرۇش( جىھات) تۈسىنى ئالغان قارشىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. مۇسۇلمانلار ئېتىقادى-ئىرق، مىللەت، سىنىپ، رايون ئالاھىدىلىكلىرىدىن ھالقىپ ئىسيانچىلارنى بىرلەشتۈردى. تۈرك مۇسۇلمانلار پۈتۈن تارىم ۋە جۇڭغارىيەدە خىتاي مۇسۇلمانلار ئىنقىلابىغا قوشۇلدى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى چىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ ئاغدۇرىلىشىغا سەۋەب بولدى.

بىرىتانىيە قوللىغان ئىسلامىستلارنىڭ شەرقى تۈركىستاننى بويسۇندۇرىشى

ياقۇپ بەگ، بىرىتانىيىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن قوقەند گېنرالى، چىڭنىڭ ئاجىزلىشىشى ۋە جىھاتتىن پايدىلىنىپ، ئۆزى جىھادى يوسۇندا 1870-يىلى شەرقى تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسمىنى، چىڭنىڭ سودىغا باغلانغان زور تەسىرى مەۋجۇت بولغان شەرق بوستانلىقلىرىدىن باشقا جايلارنى كونتىرولىغا ئالدى. 1871-يىلى روسىيە شەرقى تۈركىستاننىڭ ئىلى ۋادىسىنى، خەلقنى ۋە ئۇلارنىڭ مۈلكىنى مۇسۇلمان ئىسيانىنىڭ خەتىرىدىن قوغداش كۆرۈنىشىدە بېسىۋالدى.

ياقۇپ بەگ ئىسلام ۋە شەرىئەت قانۇنىنى يۈرگۈزدى، ئۆزى دەرۋىشلەردەك تېجەشلىك ياشىدى. ئۇنىڭ 40 مىڭ كىشىلىك قوشۇنىغا قوقەندلىك قېرىنداشلىرى باش بولدى. ئەسكىرى لازىمەتلىكلەرگە ئېرىشىش ۋە قانۇنىلىقىنى تونۇتۇش، قوللىغۇچىلارغا جاۋاب قايتۇرۇش ئۈچۈن 1872-يىلى ۋە 1874-يىلى ئايرىم-ئايرىم روسىيە ۋە ئەنگىلىيە بىلەن سودا كىلىشىمى ئىمزالىدى. 1873-يىلى ئوسمانلى ئىمپىرىيىسىنىڭ ھۆكۈمدارلىقىنى ئېتراپ قىلدى. ياقۇپ بەگ 1877-يىلى ۋاپات بولدى ۋە دۆلىتى پارچىلىنىپ كەتتى.

ياقۇپ بەگنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى غەلبىسى 1860-1872-يىلى خىتاينىڭ شىمالى كەڭسۇ كارىدورىدا يۈز بەرگەن، چىڭنىڭ شەرقى تۈركىستانغا كىرىشىنى توساپ قويغان، مىليونلىغان كىشى ئۆلگەن يەنە بىر مۇسۇلمانلار ئسيانىنىڭ ياردىمىدىن بولغان ئىدى. مانجۇلار ھۆكۈمرانلىقىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ قەلەمدار ھەربى ئەمەلدارى زوزۇڭتاڭ سوپىلار ئىسيانىنى يەڭدى ۋە رايوننى “ مەدەنىيەتكە ئىگە قىلىش“ ، كەلگۈسىدىكى قوزغىلاڭلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە مۇسۇلمانلارنى مۇسۇلمان ئەمەسلەردىن ئايرىپ ئولتۇراقلاشتۇردى، بۇ بىر ئېتنىك تازىلاش قىلمىشى ئىدى.

شەرقى تۈركىستاندا روس تەسىرى

1851-يىلدىن 1881-يىلغىچە روسىيە چىڭ بىلەن بىر قاتار سودا ۋە چېگرا شەرتنامىلىرىنى ئىمزالىدى، روسىيەنىڭ شەرقى تۈركىستانغا كىلىشى ۋە تەسىرى ئاشتى. 1881-يىلى ئىمزالانغان سەنت پېتىرسبۇرگ شەرتنامىسىدا، روسىيە ئىلى ۋادىسىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنى قايتۇرۇپ بىرىپ قالغان قىسمىدا تۇڭگانلار ۋە تارانچىلار ( جەنۇبى بوستانلىقلاردىن كەلگەن مۇسۇلمانلار ) ئولتۇراقلاشتۇرىدىغان بولغان. روسلار شەرقى تۈركىستاندىكى ئەڭ چوڭ ( ئۈرۈمچى ۋە قەشقەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ) شەھەرلەردىكى سودا ھوقۇقىغا ھەم ئالتىغىچىلىك كونسۇل تەسسىس قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشكەن، ئىچىدىكى بىرى يىراق شەرقتىكى كەڭسۇدا ئىدى. 1898-1907- يىللار ئارىسىدا، روسلارنىڭ سودا سارايلىرى 4دىن 30 غا كۆپەيگەن، سودىگەرلەر 200دىن كۆپىيىپ 800 غا يەتكەن.

1874-يىلىدىكى ياپونىيەنىڭ تەيۋەنگە بېسىپ كىرىشى ئارقىسىدا، خىتاي دېڭىز ئارمىيىسىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، شەرقى تۈركىستاندىن ئاساسەن ۋاز كەچكەن ئىدى بىراق زوزۇڭتاڭ ئىمپىراتورنى( 1876-1878-يىلى ئىجرا قىلغان) غەربى شىمالنى قايتۇرىۋېلىش پىلانىنى قوللاشقا قايىل قىلدى. زوزۇڭتاڭنىڭ غەلىبە قىلغان سىتراتىگىيىسى توپىلاڭ چىققان رايوندا ھەربى مۇستەملىكە يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت كونا جەڭ تاكتىكىسى ئىدى. 1881-يىلى سەنت پېتىرسبۇرگ شەرتنامىسى تۈزۈشتى. خىتاي، روسىيە مۇسۇلمانلار ئىنقىلابى جەريانىدا بېسىۋالغان رايونغا كىرىش ئىجازەتنامىسىغا ئېرىشتى. 1882-يىلى روسىيە ئىلى ۋادىسىنى چىڭغا قايتۇرۇپ بەردى، مۇسۇلمان ئاھالىلەرنىڭ كۆپ قىسمى يېقىندىكى روس ئۆلكىلىرىگە كۆچتى.

ئوكسىفورد تەتقىقاتچىسى ھانناھ تىكەرنىڭ قارىشىچە: 1872-يىلدىن كىيىن زوزۇڭتاڭنىڭ كەڭسۇ ۋە شەنشىگە قايتا ئورۇنلىشىش تاكتىكىسىنىڭ جەمئىيەت تەسىرى بولسا ئىسلام ئېتقاتىنىڭ قايتا تىرىلىشى. ھاننا خانىم شۇنداق يازىدۇ : زىچ مۇسۇلمانلار ئولتۇراق رايونىنىڭ قۇرۇلىشى، مودىرنىزىم ئىسلام ئېقىملىرىغا ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلامىدا كۆرۈلگەن ئورتودوكىس تېكىستلىرىغا يېنىشقا پاراللىل ھالدا ، چىڭنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدىكى كەڭسۇنىڭ شەرقىدە ئىسلام دىنىنىڭ قايتا گۈللىنىشىگە شارائىت ياراتتى. تۈرك، پارس، ئەرەپ ئەسلى تېكىست نۇسخىلىرى قايتا كۆپەيتىلدى ۋە خەلقنىڭ مەسچىتكە كىرىشى ئۈچۈن جامائەت بېسىمىغا ئۇچرىدى.

چىڭنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتى

روسىيەنىڭ غەربى شىمالدىكى زىمىن ۋە سودا قارا نىيىتىگە زەربە بىرىش ئۈچۈن چىڭ 1884-يىلى مۇستەملىكە، تەربىيلەش، سىياسەت ئارقىلىق خىتايلاشتۇرۇپ ، شەرقى تۈركىستاننى پۈتۈنلەي چىڭنىڭ بىر ئۆلكىسى قىلىۋالماقچى بولدى. ئۇندىن كىيىن مانجۇ ۋە موڭغۇل ھەربى ۋە سىياسى لىدىرلارنى خىتاي تىلى ۋە كۆچمەن سىياسىتىنى ئىجرا قىلىدىغان خىتايلارغا ئالماشتۇردى. 3300 ئاقسۆڭەك يەر ئىگىسى بەگلەر ئېلىپ قېلىنغان بولسىمۇ ، بۇرۇن شەرقى تۈركىستاننى ئىدارە قىلىشتا ئىشلىتىلگەن كۈچلۈك جەمەتلەر، خانلار ۋە ھەربى مەنسەپدارلار بارا-بارا يەكلەندى.

1883-يىلىدىكى ھۆكۈمرانلارنىڭ خىتايلاشتۇرۇش ھەرىكىتىدە، مۇسۇلمانلارنى ئاسىملاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنى مەجبۇرى كۇڭزى مەكتەپلىرىگە كىرگۈزۈپ، تۈرك تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان خىتايچە ماتىرىياللارنى ئوقۇتتى. بۇ خەلقنى قاچۇرۇپ، مەكتەپلەرنى چۆلدەرىتىپ قويدى.

ھەمدە چىڭ بويسۇندۇرۇلغان قوشۇندىن 50مىڭ گەنسۇلۇق ۋە خۇنەنلىك چېرىكنى شەرقى تۈركىستانغا يەرلەشتۈردى، بىراق نۇرغۇنلىرى يەرلىرىدىن ۋاز كەچتى. چىڭ مۇسۇلمانلارنى نوپۇس زىچ شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىن ئۈرۈمچى، ئىلى ۋادىسى، شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى تارباغاتاينىڭ بۈگۈنكى قازاقىستان چېگرا رايونلىرىغا كۆچۈرۈپ قايتا يەرلەشتۈرۈشتە بەكراق ئۇتۇق قازانغان ئىدى.

ئۆزلىرىنى پان تۈرك كىملىكىنىڭ بىر پارچىسى دەپ تونۇيدىغان ۋە جەدىدىزىمچى لىدىرلار مەيدانغا كەلدى. 19-ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن 1949- يىللار ئارىسىدا بۇ ئىدىئولوگىيىلەر- مۇسۇلمان زىيالىلار ۋە پائالىيەتچىلەر قۇرغان، زامانىۋى ئۇيغۇر كىملىكىنى قىسمەن ياراتقان-يېڭى تىپتىكى تۈرك مەكتەپلىرىگە سىڭىپ كىردى. بۇ مەكتەپلەر، كىيىنكى 1920-يىللارنىڭ ئاخىرىدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى مۇسۇلمان پان تۈرك كىملىكىنى ئوزۇقلاندۇرغان ئىجتىمائى ۋە سىياسى ھەرىكەتلەرگە ئاساس سالدى.

مۇسۇلمانلارنى مەغلۇپ قىلىشتىن بۇرۇن زوزۇڭتاڭ خىرىستىيان دىنىدىن ئىلھام ئالغان، ئورتاق مۈلۈكچىلىكنى تەشەببۇس قىلغان، 20 مىليون ئادەم ئۆلگەن، نۇرغۇنلىرى چىڭ تەرىپىدىن قىرغىن قىلىنغان تەيپىڭ تەنگو ھەرىكىتىنى ( 1850-1864) نى باستۇردى. مۇسۇلمانلارنى باستۇرغاندىن كىيىن، فىرانسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشتا قوغدىنىش قوشۇنىنى قوللاش ئۈچۈن جەنۇپقا ئەۋەتىلدى. بۇ ئۇنىڭ خىتاي “ خاتىرە قەسىرى“ دىكى- دۆلىتىنى مۇسۇلمان، خىرىستىيان، روس، فىرانسۇز دۈشمەنلىرىدىن شۇنداقلا خىتاينىڭ شىمالى، جەنۇبى، غەربى چېگرالىرىنى مەڭگۈلۈك قوغدىغان- قەھرىمانلىق ئورنىنى مۇستەھكەملىدى.

شەرقى تۈركىستاندا بۈيۈك ئويۇن

19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا شەرقى تۈركىستاندىكى روس تەسىرىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ ھىندىستاندىكى بىرىتانىيىلىكلەر بارغانچە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. روسلارنىڭ ئۈچ چوڭ كۈچ ۋە ئافغانىستان ئارىسىدىكى پامىر تاغلىق رايونىغا بېسىپ كىرىشى، بىرىتانىيىنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتمىدى، چىڭنىڭ 1891-يىلدىكى تۇپراق تەلىپىنىمۇ ھەل قىلالمىدى. جاۋاب تەرىقىسىدە، بىرىتانىيە-ھىندىستان ئارمىيىسى، چىڭ ئەينى چاغدا ئىگىلىك ھوقۇق تەلىپى قىلىۋاتقان، ھازىرقى پاكىستاننىڭ ئەڭ شىمالىدىكى ھۇنزە خانلىقىنى ئىشغال قىلدى. شۇنىڭ بىلەن چىڭ سارىقول ھازىرقى شەرقى تۈركىستاننىڭ غەربى جەنۇبىدىكى تاشقورغاننى ئىگەللىدى. 1895-يىلى روسىيە ۋە بىرىتانىيە چىڭنى قايرىپ قويۇپ شەرتنامە ئىمزالىدى. بۇ شەرتنامىنىڭ چېگرالىرى ئىزچىل مەۋجۇت، بىراق جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ئېتراپ قىلمىغان.

بۇ تارىخى تالاش-تارتىش كەلگۈسىدە خىتاينىڭ تۇپراق تەلەپلىرىگە ئاساس بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. خىتاينىڭ ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك تارىخچىلىقى كەلگۈسىدە شۇنىڭغا يىتەكچىلىق قىلىشى مۇمكىن، ئىران ۋە روسىيەنىڭ تەسىرى خىتاي ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ كۈنسايىن ئېشىۋاتقان تەسىرىدە چۆكۈپ كىتىۋاتىدۇ. قازاقىستان، ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان، ئافغانىستان ۋە پاكىستاننىڭ بىر قىسمى ئۆزىنىڭ دەپ جاكارلىشى مۇمكىن. 1960-يىللاردىن باشلاپلا روسىيە، ياپونىيە، ھىندىستان، خىتاي دېڭىزىغا يېقىن دۆلەتلەردە يالغان تارىخقا ئاساسەن ئوخشاش ئۇرۇنۇشتا بولغان.

1911-يىلى شىنخەي ئىنقىلابىدىن كىيىن، مىللەتچى جۇمھۇرىيەتچىلىك ئىدىيىسى تېخىمۇ كەڭ تارالغان. توققۇز- سىزىق جەنۇبى خىتاي دېڭىزى خەرىتىسىگە كىرگۈزۈلدى ۋە شەرقى تۈركىستاندىكى 2000 يىل بۇرۇنقى قەدىمى تۈرك-موڭغۇل جاي ناملىرىنى خىتايچە ناملارغا ئۆزگەرتتى. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 1949-يىلدىن كىيىن ئۇلارنى ئەسلىگە قايتۇردى بىراق نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان ۋە جەنۇبى دېڭىز ۋەزىيىتىدىن قارىغاندا ناملار شى جىنپىڭ تەرىپىدىن قايتىدىن خىتايچىلاشتۇرىشىنى كۈتىشىمىز مۇمكىن. شى جىنپىڭ چىڭ سۇلالىسى ۋە مىللەتچىلەر ئىدىيىسىگە ئوخشاش، بىر خىل كېڭەيمىچىلىك روھ ھالىتىدە تۇرۇۋاتقاندەك قىلىدۇ. تارىختىمۇ ناھايىتى خەتەرلىك ئىدى، ھازىر يادرو قوراللار بولغانلىقتىن بىر خىل يوشۇرۇن ھايات-مامات تەھدىتى بولۇپ قالدى.

شەرقى تۈركىستاندا سوۋىت تەسىرى

1911-يىلىدىكى ئىنقىلاپ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى تەسىرى ۋە كونتىرولىنى ئاجىزلىتىپ بىر قاتار ئىنقىلاپ، سىياسى ئۆزگىرىش، مۇستەقىل دۆلەتلەرنى بارلىققا كەلتۈردى. سوۋېتنىڭ تەسىرى -ئۇيغۇر كىملىكىنى كېڭەيتىشنى قوللاپ شەرقى تۈركىستاننىڭ سىياسى ۋەزىيىتىنى مۇرەككەپلەشتۈرىۋەتتى. سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 1921-يىلىدىكى شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇرلىرىغا بولغان ئېنىقلىمىسى -خىتاي بولمىغان تۈرك مىللىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئۇيغۇر كىملىكى-پان تۈركىزىم ۋە ئىسلامى ئىسلاھنىڭ بىرلەشمىسى بولغان كىملىك تاتار ۋە ئوسمانلى زىيالىلىرى تەرىپىدىن-سوۋىت چېگراسىدىكى سەمىرەش دىگەن جايدىن يەنى ھازىرقى قازاقىستاننىڭ شەرقىدىن تەرەققى قىلدى. 1921-يىلدىن بۇرۇن شەرقى تۈركىستان خەلقى تۈركلەر ياكى تۈركىلەر دىيىلەتتى. بۇ مۇھىتتىن ئالتە شەھەرلىكلەر، قەشقەرلىكلەر ۋە چېگرا ئاتلىغان تارانچىلارنىڭ كىملىكلىرىنى يۇغۇرغان يېڭى ئۇيغۇر كىملىكى تارقالدى. تەڭلا ۋاقىتتا ستالىننىڭ ئۆز تۈرك سەرخىللىرىغا بولغان بېسىمى 1920-1930-يىللاردا ئۇلارنى شەرقى تۈركىستانغا قېچىشقا مەجبۇر قىلدى.

ئۇ چاغلاردا تاكى 1933-يىلغىچىلىك خىتاي ئىدارە قىلغۇچىلار شەرقى تۈركىستاننى يېرىم ئاپتونومىيە شەكلىدە، خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىدىن ئىقتىسادى ياردەم ئالماي باشقۇراتتى. 1850-يىللاردىن باشلاپ مەركىزى ھۆكۈمەت ياردىمىنى تەبىئى بايلىقلارنى قېزىش كىرىمىغا ئۆزگەرتكەن ئىدى. ئۇلار ئۈنۈمسىز ھالدا سوۋىت قوللىغان يېڭى ئۇيغۇر كىملىكىگە قارشىلىق قىلدى.

سۈرەت چۈشەندۈرىلىشى : بىرىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى 1933-يىلى 11-ئاينىڭ 12-كۈنى قەشقەردە قۇرۇلدى. سۈرەت مەنبەسى: ۋىكىپېدىيا

ئۆلكە رەئىسى قومۇل ئۇيغۇر پادىشاھىنى قالدۇرغاندىن كىيىن بىر قاتار ئىسيان ۋە قالايمىقانچىلىق دولقۇنى كۆتىرىلدى. قىرغىز، كەڭسۇ، قازاق، موڭغۇل، سوۋىت ئارمىيىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئاجىزلاشقان خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن ئۇرۇشتى. 1933-يىلى بىرىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى(FETR) قۇرۇلدى. رۇسىيەدىن سەرگەردان بولغانلار، ئۇيغۇر مىللەتچى زىيالىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى.

1933-يىلى خىتاي قوماندان شىڭ شىسەي مىللەتچىلەر ئۈچۈن ”شىنجاڭ“ نى ئىدارە قىلىشقا باشلىدى ۋە كىيىنكى يىلى بىرىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى مەغلۇپ قىلدى. ۋەھالەنكى، شىڭ نىڭ سادىقلىقى ئاخىرى سوۋىتقا يېقىنلىشىش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. ئۇ ئىتتىپاقدىشى بىلەن بىردەكلىك ئۈچۈن، بۇرۇنقى ئۆزىگە تەتۈر ھالدا، ئۇيغۇر كىملىكىنى تەشەببۇس قىلىدۇ ۋە ھوقۇق ئاپاراتىدىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئورۇنلارغا خىتاي بولمىغانلارنى قويىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا دىنى ئېتقات ئارقىلىق، يەرلىك دىنى ئەرباپلارغا خىراجەت تارقىتىشلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چارىلار بىلەن يەرلىك جەمئىيەت سېستىمىسىغا بولغان ھوقۇق كونتىرولىنى كۈچەيتىدۇ. شىڭ ئۆزى بىلەن ھوقۇق كۆرىشى قىلالايدىغان ئۇيغۇر، خىتايلاردىن بولۇپ نۇرغۇن سەرخىللارنى ئۆلتۈرىۋېتىدۇ.

مۇشۇ سەۋەپتىن شىڭ ھەم سوۋىت بىلەن ھەم مىللەتچىلەر(گومىنداڭ) بىلەن يىرىكلىشىپ ئېتنىك قوزغىلاڭ ۋە خىتايلارنىڭ قىرغىنچىلىقلىرىغا يول ئاچتى.

تەسىرىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن سوۋىت ئىتتىپاقى تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى ئۈچ ئۆلكىدىكى ئىككىنجى شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى (1940-1950) قوللىدى. 1940-يىللارنىڭ ئاخىرىدا مەزكۇر قوللاش ئارقىسىدا، شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسى قۇرۇلمىلىرىدا كۈچلۈك ئۇيغۇر تەسىرى كۆرۈلدى، شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىدىن باشقا، مىللەتچى خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ يەرلىك ئەمەلدارلارنى قوشۇۋېلىشقا ئۇرۇندى.

بۇ دوكتور ئاندېرس كورنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى چاتما ماقالىلىرىنىڭ ئۈچىنجى بۆلىكى. ئاندېرس كور ئەپەندى خارۋارت ئۇنىۋېرستىتىدىن دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئىگە. ئا ق ش ھەربى ئىستىخباراتىدا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرى خىزمەت قىلغان.

Twitter: @anderscorr