ئىككىنجى بۆلۈم : شەرقى تۈركىستان : خىتاينىڭ پارچىلاش ۋە بويسۇندۇرۇش ئستىراتىگىيىسى

ئىككىنجى بۆلۈم : شەرقى تۈركىستان : خىتاينىڭ پارچىلاش ۋە بويسۇندۇرۇش ئستىراتىگىيىسى

دەسلەپكى شەرقى تۈركىستان مانى دىنى ئۇيغۇرلىرىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ كىتىشى ئۇلارنىڭ بۇددا دىنى، زوروئاستىرىيانىزىم(مەجۇسى) ۋە خىرىستىيان دىنلىرىغا بولغان سىغدۇرۇشچانلىقىدىن ئىدى، بىراق ئۇلار ئىسلامغا ياردەم بەرمىدى. مىلادى 934-يىل ئەتراپىدا ، يىپەك يولىدا مۇسۇلمان سودىگەرلەر بىلەن بولغان سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ كۈچىيىشى ئارقىسىدا شەرقى تۈركىستاندىكى تۈرك ئىمپىرىيىسى- قاراخانىلار خاندانلىقى ئىسلام دىنىغا بەيئەت قىلىشقا باشلايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئەھۋالدا ئۆزگىرىش بولدى. ئىسلام دۇنياسىنىڭ تۇنجى تۈرك ھۆكۈمدارى قاراخانىلار 1000-يىلدا ئىسلاملاشقان ئوتتۇرا ئاسىيا( ماۋارەئۇننەھىر) نى بويسۇندۇردى. ئۇ چاغدىكى تۈركلەشكەن ئىسلام بولسا قۇتلاش، ساز، ئۇسۇل ۋە ناخشىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان- شەرقى تۈركىستانغا 1970-يىللاردىن كىيىن تارالغان، قاتتىقراق بولغان ۋاھابىزىم ۋە سالافىزىم بىلەن سېلىشتۇرما بولىدىغان- مۆتىدىل سوفىزىم(تەسەۋۋۇف) تۈرىدىن ئىدى.

خىتاينىڭ شىمالىدىكى قارا خىتاي(قىتان)- يەنە بىر موڭغۇل ھاكىمىيىتى 1142-يىلىغا كەلگەندە قاراخانىلار ئىمپىرىيىسىنىڭ غەربىنى بېسىۋالدى. قارا خىتايلارمۇ خىرىستىيان، يەھۇدى، ئىسلامنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دىنلارغا كەڭ قورساق ئىدى، ئەمما مۇسۇلمانلار قارا خىتاي بۇددىستلارنى كۇپپار دەپ قارايتتى. شۇ ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا قارا خىتايلارنىڭ خەلقنى ئىكىسپىلاتاتسىيە قىلىشى شەرقى تۈركىستان ۋە ماۋارەئۇننەھىردە ئىسيان كەلتۈرۈپ چىقاردى. 1209-يىلى ئىدىقۇت ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىگە ئەمىر بولغان قارا خىتاينىڭ كاللىسىنى ئالدى ھەمدە چىڭگىزخان بىلەن بىرلەشتى، شۇنىڭ بىلەن قۇچۇ(ئىدىقۇت) ئۇيغۇرلىرىنىڭ خانى چىڭگىزخاننىڭ قىزلىرىدىن بىرىگە ئۆيلەندى.

قارا خىتاي دۆلىتىنى ۋە 1211-يىلدىن باشلاپ قاراخانىلار ئىمپىرىيىسىنى قولغا چۈشۈرگەن ، بۇددا دىنىغا كىرگەن كۈچلۈك مۇسۇلمانلارنى قىرغىن قىلدى، ھوسۇل پەسلىدە قەشقەرنى قورشاپ خەلقنى ئاچارچىلىقتا بەيئەت قىلدۇردى. كۈچلۈك خوتەنلىكلەرنى ئىسلامدىن يېنىشقا مەجبۇرلىدى، قارشى تۇرغان موللىنى خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا كىرىستقا مىقلىدى. كۈچلۈك 1216-1218 يىل ئارىسىدا چىڭگىزخان تەرىپىدىن يېڭىلدى، ئۇنىڭ شامان دىنىغا ئېتىقات قىلىدىغان سانغۇنى بۇلاڭ-تالاڭ ۋە دىنى زۇلۇمنى توختىتىپ شامان دىنى بىلەن خىرىستىيان ۋە بۇددا دىنلىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى تەشەببۇس قىلدى.

18-ئەسىرگىچىلىك، شەرقى تۈركىستاندىكى تۈرك-ئىسلام خاندانلىقلار شەرقى تۈركىستان ۋە باشقا تۇپراقلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئارا ئۇرۇشتى شۇڭا ئاساسلىق رىقابەتچىلەر دەپ قارالدى. 1514-يىلدىن 1705-يىللار ئارىسىدا، تاكى نەخشىبەندىيە سوفى خوجا جۇڭغارلارنى باشلاپ كىلىپ دۆلەتنى مۇنقەرز قىلىپ غۇلاتقۇچىلىك ياركەنت خاندانلىقى تارىم ئويمانلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىدارە قىلدى.
1697-يىلى شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىدا جۇڭغار غالدان مەركىزى ۋە شەرقى موڭغۇل )خالخا/تاشقى موڭغۇل( نىڭ ئىگىدارچىلىقى ئۈستىدە چىڭگىزخان ئىمپىرىيىسىنىڭ موڭغۇل ئىتتىپاقداشلىرىدىن تەركىپ تاپقان چوڭ خاندانلىق بىلەن بىرلەشكەن ھەمدە گېلۇڭپا تىبەت بۇددىست ئىبادەتخانىسى)نۆۋەتتە دالاي لاما يىتەكچىلىكىدە( نىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەن مانجۇ چىڭنىڭ ئىمپىراتورى كاڭشى بىلەن تۇتۇشتى.
شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى تۈزلەڭلىكلەر يەم-خەشەك ۋە ئاتلىق قوشۇن كۈچىنى ئوتتۇرا ئاسىيا، موڭغۇلىيە، خىتاي- چايناغا كېڭەيتىدىغان مۇھىم ئورۇن تەمىنلىدى.

رەسىم چۈشەندۈرىشى : 17-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدىكى جۇڭغار قىرغىنچىلىقىدا، مانجۇ چىڭ ئىمپىرىيىسى ھازىرقى شەرقى تۈركىستاننىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيەدە بىر مىليونغا يېقىن بۇددىستلارنى قىرىپ تاشلاپ، خىتاي ۋە خىتاي مۇسۇلمان(تۇڭگان)لاردىن تەركىپ تاپقان كۆچمەن نوپۇسنى يۆتكەپ ئورنىنى تولدۇردى. چىڭ سۇلالىسى بىر يۈرۈش رەسىملەر ۋە ئويما رەسىملەر ئارقىلىق جۇڭغارىيە ئۈستىدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلىدى، ئىچىدە يۇقارقى، 1756-يىلىدا گېنرال جاۋخۇي كىچىدە قاراسۇغا ھۇجۇم قىلغان ئوروئى-جالاتۇ قىرغىنچىلىقىنىڭ رەسىمىمۇ بار. بۇ پارىژ ئويمىسىنى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ھاۋالىسى بويىچە ژاك فىلىپ لې با 1770-يىلىدا، 1765-يىلدىن 1769-يىل ئارىسىدا جۇڭگودا سىزىلغان، ئانچە تەپسىلى بولمىغان ئەسلى نۇسخىسىغا ئاساسەن ئىجرا قىلغان. مەنبە : چوڭ شەھەر سەنئەت مۇزىيى

جۇڭغار قىرغىنچىلىقى
1754-يىلى مانجۇ چىڭنىڭ ئىمپىراتورى چىيەنلوڭ جۇڭغارىيەدىكى بۆلىنىشتىن پايدىلىنىپ، جۇڭغار ئاقسۆڭىكى ۋە تارىم ئويمانلىقىدىكى تۈگۈن شەھەر ئىلىدىكى نەخشىبەندىيەچى سوفى خوجا بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى. شۇنىڭ بىلەن مانجۇ چىڭ نەچچە ئاينىڭ ئىچىدىلا جۇڭغار موڭغۇللىرىمنى بويسۇندۇردى، 1759-يىلىغا كەلگەندە غەرپتىكى بۇددىستلار ۋە تارىم بوستانلىقلىرىدىكى سوپى خوجىلارنى ئىچىگە ئالغان پۈتكۈل شەرقى تۈركىستاننى بويسۇندۇردى.

ئىستىراتىگىيىلىك رايون شىمالى جۇڭغارىيەدىكى غەلىبىسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، مەنچىڭ-ھازىرقى زامان تەتقىقاتچىلار 480مىڭدىن 800 مىڭغىچىلىك(نۇپۇسنىڭ 80 پىرسەنتى) بۇددىست جۇڭغار موڭغۇللىرى توقۇنۇش ۋە كىسەللىكتىن ئۆلدى دەپ قارايدىغان -جۇڭغار قىرغىنچىلىقىنى يۈرگۈزدى. ۋەھالەنكى، چىڭ پۈتۈكلىرىدە ئىمپىراتور جۇڭغارىيەدە بىر مىليون ئادەمنى ئۆلۈم-يېتىمگە مۇپتىلا قىلدى دەپ خاتىرىلەنگەن.

سېلىشتۇرغاندا، بۇ بىر قېتىملىق قىرغىنچىلىق مۇنازىرىسىز ھالدا 1492-يىلىدىن 1900-يىلغىچىلىك ياۋروپالىقلار تۆت ئەسىردە ئۆلتۈرگەن ( يۇقۇملۇق كېسەللىكتىن ئۆلگەنلەردىن سىرت) يەرلىك ئامېرىكىلىقلار نوپۇسىنىڭ بەش- ئون ھەسسىسىگە باراۋەر كىلىدۇ. نۆۋەتتىكى بېيجىڭ كېڭەيمىچىلىكىنى ھىمايە قىلغۇچىلار خىتاينىڭ قىلمىشىنى ئامېرىكىلىقلار 19-ئەسىردە قىلغاننىڭ ئۆزى شۇ دەيدۇ، كۆرسىتىپ ئۆتۈشكە تىگىشلىكى شۇكى، خىتاينىڭ تارىختىكى ۋە بۈگۈنكى قىلمىشلىرى كۆپ يامان .

مەنچىڭنىڭ جۇڭغارىيەدىكى قىرغىنچىلىقىدىن ئامان قالغانلارنىڭ كۆپى چىڭغا سادىق قوشۇنغا كىرگۈزۈلگەن ئىدى. شەرقى تۈركىستاندا چىڭ 25 مىڭدىن 45 مىڭغىچىلىك ئەسكىرى، قارارگاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەربى مۇستەملىكە ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. 1759-يىلى مۇستەملىكە قوشۇننىڭ 845 مىڭ سەر ئاق كۆمۈش ياردەمگە ئېرىشكىنى تەخمىن قىلىنىدۇ، 1848-يىلغىچىلىك ياردەم مۇقىم كۆپەيتىلىپ تۆت مىليون سەرگە يەتكۈزۈلىدۇ.

جەنۇبتىكى ئىككى ئاكا-ئۇكا ئافاق خوجىلار- ئىسھاقىيە سۈلكىنى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ يىراق شەرقى بولغان قومۇل، تۇرپاندىكى يۇرت چوڭلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان- مۇسۇلمان خوجىلارنى، ئاقسۆڭەكلەرنى سېتىۋېلىپ مانجۇلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى.

قومۇل ۋە تۇرپان 17-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، 18-ئەسىرگە كەلگەندە، بۈگۈنىمىزدە خىتاينىڭ سودا ئىتتىپاقداشلىق ۋاسىتىسىغا ئوخشايدىغان جەريان ئارقىسىدا، پۈتۈنلەي چىڭ سۇلالىسىگە قارام دۆلەتلەرگە ئايلىنىپ قالغان ئىدى. تارىخشۇناس كۋەڭمىڭكىم شۇنداق دەيدۇ : بەلكىم شەرقى بوستانلىقلارنىڭ چىڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان ئىتتىپاقداشلىق تۈزىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك سودا مۇناسىۋەتلىرى بىلەن يەنى ئەڭ ئاز ھېسابلىغاندا 15-ئەسىردىكى مىڭ سۇلالىسى(1368-1644) دىن باشلاپ مەۋجۇت بولغان سودا بېرىش-كىلىشلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىشى مۇمكىن. تۇرپان ۋە قومۇل مىڭ سۇلالىسى ئاستانىسى يولغا قويغان سودا-سېتىقىنىڭ ئەڭ قىزغىن ئىشتىراكچىلىرى ئىدى، مىڭ كۆرسەتكەن چېگرا سودىسىدىكى ”ئولپان تۈزىمى“ ئاستىدا باشقۇرىلىدىغان بەزى چەكلىك رايونلار -مىڭ سۇلالىسى تەستىقلىغان، خىتاينىڭ بىردىنبىر چېگرا ئاتلىغان سودا شەكلى ئىدى. بۇ تۈرلۈك سودا مۇناسىۋەتلىرى خىتاي ئىمپىرىيىسىنىڭ كۈنسايىن روناق تاپقان سىياسى تەسىرىدە، ھەتتاكى 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىدا چىڭ قوشۇنلىرى شەرقى تۈركىستاننى بېسىۋېلىشنىڭ ئالدىدىلا شەرق بوستانلىقلىرىنى بارا-بارا جەلپ قىلغان ئىدى.

چىڭ نىڭ مۇستەملىكە ھاكىمىيىتى ۋە بىر يول بىر بەلباغ بىلەن پاراللېللىقى

چىڭ سۇلالىسى يەرلىك قابىللار ئارقىلىق، دائىم تارىم ئويمانلىقىدىكى ئالتە شەھەر ھەمدە قومۇل، تۇرپان ۋە شەرق بوستانلىقلىرىدىكى چىڭغا سادىق باشقا مۇسۇلمانلارغا ئىدارە قىلىش، تەرەققى قىلدۇرۇش، باج قويۇش ھوقۇقىنى سېتىپ ۋاستىلىك ھالدا ھۆكۈمرانلىق قىلدى. بۇ تارىم ئويمانلىقىدىكى يەرلىك ھوقۇق قۇرۇلمىسىنى چىرىتتى ۋە يەرلىك يېڭى ھۆكۈمدارلارنى ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن چىڭغا بېقىنىدىغان ھالغا كەلتۈردى .

چىڭ ھۆكۈمرانلىرى ئىسياننىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن خىتايلارنىڭ تۈرك نوپۇسى زىچ رايونلاردا ئولتۇراقلىشىشىنى چەكلىگەن ئىدى، بۇ سىتراتىگىيە خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى تىرىليونلىغان دوللارلىق بىر يول بىر بەلباغ نامىدىكى دۇنياۋى تەرەققىيات پىروگراممىسىدا قوللىنىۋاتىدۇ. 21-ئەسىردە خىتاي بىر يول بىر بەلباغ ئىشچىلىرىنى “ تەرەققىيات“ خىزمىتى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن فىلىپىن، ئافرىقا قاتارلىق جايلارغا كۆچمەن بولۇشقا رىغبەتلەندۈرىۋاتىدۇ. بىراق خىتاي كۆچمەنلىرى خىتاي دۆلىتىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن چەكلىنىدۇ، مەسىلەن پاكىستاندىكى گۋادار پورتى ئەتراپى 500 مىڭ ساپ خىتاي كۆچمەن بىلەن ئايرىۋالغان مۇستەملىكە رايونى. ج ك پ زور ساندىكى يەرلىك كۆچمەنلىرىدىن پايدىلىنىپ، ئايرىۋېتىلگەن ياكى ئايرىۋېتىلمىگەن مۇستەملىكە رايونلاردا، كەلگۈسىگە تەسىرچان ھەرىكەتلەر ياكى ھەتتا شەرقى تۈركىستاندىكىدەك ئىگىلىك ھوقۇقى كېڭەيمىچىلىكى قىلىدىغاندەك تۇرىدۇ.

18-ئەسىردىكى شەرقى تۈركىستاندا سودا، يېزا-ئىگىلىك، كانچىلىق تەرەققى قىلدۇرۇلدى ھەمدە خۇددى بۈگۈنكى ”بىر يول بىر بەلباغ“ قا ئوخشاش ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن ئىدى. مانجۇلار كۆچمەن ئەسكەر ۋە مەھبۇسلارنى، تارىم ۋادىسىدىكى ۋە كەڭسۇ كارىدورىدىكى مۇسۇلمانلارنى شەرقى تۈركىستاندىكى نىسبەتەن تەرەققى قىلمىغان، نوپۇس شالاڭ بولغان جۇڭغارىيەنىڭ شىمالى رايونىغا كۆچۈشكە رىغبەتلەندۈردى. خىتاينىڭ گۆرۈكەش ۋە سودىگەرلىرى شەرقى تۈركىستانغا ئاقتى. مۇستەملىكە رايوندىكى ھەربى كۆچمەننىڭ 97 پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى بىراق بۇ سان 1807-يىلىغا كەلگەندە ئالتە پىرسەنتكە چۈشۈپ قالدى. ئەسىر ئالمىشىش ھارپىسىدا تەخمىنەن 155 مىڭ خىتاي ۋە خىتاي مۇسۇلمان تۇڭگانلار شەرقى تۈركىستانغا يەرلەشتى، ئۇلار ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى يەرلەرگە ئىشلەيتتى.

18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا چىڭ ھاكىمىيىتى شەرقى تۈركىستاندىكى قەشقەر ۋە ئەتراپىدىكى ئاھالىنى دىنى مەزھەپلەردىن پايدىلىنىپ ئۇستىلىق بىلەن بۆلدى. 1758-1759-يىللىرى چىڭ سۇلالىسىنى قوللىغان ئىسھاقىيە سۈلكىگە چىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا يەر، مەنسەپ، يۇقىرى مەرتىۋە بىرىلىپ ئىسيانچى ئافاقلار قول ئاستىدا قىلىندى. ئىسھاقىيە سۈلكى ۋە ئافاقىلار ئىككىلىسى ھازىرقى ئىراقتىكى كاسان دىگەن يۇرتتىن كەلگەن نەخشىبەندىيەچى سوفى ئەھمەت كاسانى-مەخدۇم ئەزەمنىڭ ئەۋلاتلىرى ئىدى. ئۇلار شەرقى تۈركىستانغا كۆچكەندىن كىيىن ھەسەت، نوپۇز ، ھۆكۈمرانلىق تالىشىش يۈزىسىدىن ئىختىلاپ قىلىشتى. خەۋەر قىلىنىشىچە، ئافاق بىر توپ سوپى ئىشان، تىلەمچى، لۈكچەكلەر بىلەن بىللە دىنى زىيانكەشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھازىرقى ئۆزبىكىستاندىكى قوقەند خانلىقىغا قېچىپ كەتكەن ئىكەن. ئۇلار قوقەندنى بارگاھ قىلىپ تۇرۇپ قەشقەرگە قوراللىق ھۇجۇم ئېچىپ چىڭ سۇلالىسىدىن ئازات قىلماقچى بولۇپتۇ بىراق قوقەند خانى ئۇلارنى چىڭغا چېقىپ قويۇپتۇ ھەمدە ئۇلارنى پات-پات قولغا ئېلىپ بەدىلىگە چىڭدىن سودا ئەۋزەللىكى ۋە مائاش تەلەپ قىلىپتۇ.

مۇسۇلمانلار ئىنقىلابى

1809-يىلدىن 1820يىلغىچە قوقەند خانى چىڭدىن، تارىم ۋادىسىدا باج-سېلىقلارنى يىغىش ئۈچۈن سېلىقچى بەگنى ئۆزى بەلگىلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار قوشۇمچە سودا ئەۋزەللىكلىرى تەلەپ قىلدى. چىڭ رەت قىلدى، نەتىجىدە خان 1815-1830 – يىللار ئارىسىدا يۈز بەرگەن ئاز ساندىكى 500چە ئافاقىلارنىڭ چىگرا ئاتلاپ ھۇجۇم قىلىشىغا ۋە ئىسيانلىرىغا كۆز يۇمدى ھەتتا قوللىدى. ئېغىر باج-سېلىق ۋە ھاشار سەۋەبىدىن ئىسھاقىيە سۈلكى ۋە باشقا مۇسۇلمان دېھقانلار شەھەر-ناھىيەلەردە ئافاقلارغا قوشۇلۇپ يەر ئىگىسى ئاقسۆڭەك باي-غوجاملارغا قارشى ئىسيان قىلدى.

1932-يىلىغا كەلگەندە قوقەند خانى تارىم ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىدىكى بوستانلىقلار ۋە شىمالدىكى جۇڭغارىيەلەرنى ئىچىگە ئالغان رايونلارنى ئىدارە قىلىش، تاشقى سودىغا باج قويۇش ھەققىدىكى غەيرى رەسمى كېلىشىمگە ئېرىشتى. تارىخشۇناس جوزەف فلەچىرنىڭ قارىشىچە بۇ خىتاي تارىخىدىكى-ئادەتتە 19-ئەسىرنىڭ كىيىنكى قىسمىدا چىڭ ئەنگىلىيە شۇنداقلا باشقا ياۋروپالىقلار بىلەن تۈزگەن شەرتنامىلارنى كۆزدە تۇتۇپ ئېيتىلىدىغان- تۇنجى “ تەڭسىز شەرتنامە“ ئىدى. ۋەھالەنكى ”تەڭسىز“ بولىشى چىڭ نىڭ نۇقتىسىدىن بولۇپ، قوقەند ۋە ئافاقىلار نۇقتىسىدىن بولسا مەزكۇر كىلىشىم شەرقى تۈركىستاندىكى تۈرك مۇسۇلمانلار ۋە باشقا ئاھالىلەر ئۆز جامائىتىنى ئىدارە قىلىشتا ئەڭ بولمىغاندىمۇ ئېرىشىشكە تىگىشلىك، سۈلھ قىلغان ھوقۇقى. قانداقلا بولمىسۇن، ئۇ مۇناسىۋەتلىك ھۆكۈمران كۈچنىڭ رېئاللىقىغا بېقىپ كېڭىشكەن چارە ئىدى.

خىتايلار شەرقى تۈركىستاننى غەلبىلىك يۇتىۋېلىپ، ئۇندىن بۇرۇن سىرتقى رايون دىيىلىدىغان بۇ تۇپراقنى 1830-يىلدىن كىيىن ئاستا-ئاستا بۈيۈك خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ قارايدىغان بولدى. كۆچمەن يۆتكەش، ھەربى ۋە ئىقتىسادى ئاجىزلىقى بىلەن بىرلەشتۈرگەن ھالدا يات تۇپراق ۋە خەلقنى بويسۇندۇرۇپ ئۇنىڭغا ھەقدار بولىۋېلىش تۇيغۇسى 19-ئەسىردە كەڭ كۆلەملىك مۇسۇلمانلار قوزغىلاڭلىرىغا سەۋەپ بولدى.

بۇ دوكتور ئاندېرس كورنىڭ شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى چاتما ماقالىلىرىنىڭ ئىككىنجى بۆلىكى. ئاندېرس كور ئەپەندى خارۋارت ئۇنىۋېرستىتىدىن دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئىگە. ئا ق ش ھەربى ئىستىخباراتىدا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرى خىزمەت قىلغان.

Twitter: @anderscorr

Comments are closed, but trackbacks and pingbacks are open.