شەرقى تۈركىستاننىڭ كونا توقۇنۇشى : خىتاينىڭ يالغان تارىخى

شەرقى تۈركىستاننىڭ كونا توقۇنۇشى : خىتاينىڭ يالغان تارىخى

Anders Corr
03.05.2019


مەزكۇر توققۇز بۆلەكلىك چاتما ماقالىلەر

دۇنيانىڭ يىتەكچى دىموكراتىك ئەللىرىنىڭ- چاينا ئۇنى شىنجاڭ[يېڭى چېگرا] دەپ ئاتايدىغان، جەنۇبى ۋە غەربى شىمالىدا ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركى تىللىق مۇسۇلمانلار نۆۋەتتە كۆپ سانلىق بولغان- شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى ئېتراپ قىلىشىنى ئاساسلاپ بىرىدۇ. ئۇلار بۇرۇندىن مۇستەملىكىچىلىك ۋە ئىرقچىلىقنىڭ نىشانى بولۇپ كەلگەن ئىدى لېكىن شىجىنپىڭنىڭ ھوقۇققا چىقىشى بىلەن مۇئەييەن بىر شەكىل ۋە ئىرقى قىرغىنچىلىققا يۈزلىنىپ مۇستەقىللىق چاقىرىقىنىڭ يوللۇقلىقىنى ئىسپاتلىدى.

خىتاي كومنىستىك پارتىيىسى (ئىنگىلىزچە قىسقارتىلمىسى س س پ ) بىر مىليوندىن ئۈچ مىليونغىچە ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلارنى قىيناق، باسقۇنچىلىق ۋە سىياسى ئىدىيە سىڭدۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ”قايتا تەربىيە“ نامىدا قولغا ئالدى. شەرقى تۈركىستاندىكى بارلىق 13 مىليون تۈرك مۇسۇلمانلار ( خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2015-يىلىدىكى مەلۇماتىغا ئاساسەن، بىراق شەرقى تۈركىستانلىقلار نوپۇسىنى 35 مىليوندىن ئارتۇق دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ) مەدەنىيەت، تىل، دىنى كىملىكلىرى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن يوقىتىلىۋاتقان، يۇقىرى دەرىجىدە ھەربىلەشتۈرۈلگەن ”ئوچۇق ھاۋا تۈرمىسى“ دە ياشىماقتا. رايوندىكى تۈرك مۇسۇلمانلارنىڭ ئىسپاتلىغىنىدەك، خىتاينىڭ ئىرقى قىرغىنچىلىق ئۇرىنىشى بىر مۇستەقىل شەرقى تۈركىستاننى ھەقلىق قىلىۋاتىدۇ. ھەمدە، بۇ ئىرقى قىرغىنچىلىققا باش بولغان چاينادىكى خىتاي پىرىزىدىنتى شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خىتاي ئەمەلدارلىرىغا قارشى خەلقئارا جازالارنىڭ ھەقلىق بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ

بىرىنجى بۆلەك : خىتاي مۇستەملىكە قىلغان قەدىمى شەرقى تۈركىستان( شىنجاڭ) تارىخى: تۈركلەر، موڭغۇللار، پارسلار، يۇنانلار ۋە تىبەتلەر.

ج ك پ نىڭ- ئىشغال قىلىنغان غەربى شىمالدىكى شەرقى تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈرك مۇسۇلمانلار ئۈستىدىكى زۇلمى- مۇنازىرىسىز دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ مۇرەككەپ ئىرقى قىرغىنچىلىق، سىياسى رىقابەت، ھازىرقى شەرقى تۈركىستان تارىم ئويمانلىقىدىن خىتاي سودىسى ماددى ئىسپاتلىرى تېپىلغان تاكى مىلادىدىن ئاۋالقى ئۈچىنجى ئەسىرگىچە سوزۇلىدىغان سودا يىتەكچىلىكىدىكى خىتاي كېڭەيمىچىلىكى ۋە دۆلەت قۇرۇشنىڭ تەركىبى قىسمى.

نۆۋەتتىكى دۇنيا ۋەزىيىتىدىكى سىتراتىگىيىلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن ھەم ماقالىلەرنىڭ خاتىمىسى دۇنيا دۆلەتلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستاننى يېڭىدىن ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت دەپ تونىشىغا شۈبھىسىز كۈچلۈك كۆرسەتمە بولىدىغانلىقى ئۈچۈن، لايىق ئىجتىھات كۆرسىتىش يۈزىسىدىن مەزكۇر چاتما ماقالىلەر مۇھىم تارىخى ئارقا كۆرىنىش بىلەن باشلاندى.

بۈگۈنكى جەنۇبى شەرقى تۈركىستان ئىران، ھىندۇ، خىتاي، موغۇل، تۈرك ۋە كورىيان تىللىق خەلقلەرنى باغلىغان قەدىمى يىپەك يولىنىڭ ياكى “ سوغدى تورى“ نىڭ مەركىزى ئىدى. تارىخشۇناس جەمىس ۋىلوردنىڭ قارىشىچە سوغدىلار تارىختا ئۇزۇن زامانلار يىپەك يولىنى بويلاپ سودىدا ئۈستۈنلۈكنى ئىگەللىگەن پارس تىللىق خەلق بولۇپ، شەرقى تۈركىستان تارىخىنى تەكشۈرگىنىمىزدە، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىتىنىڭ بولۇپمۇ نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان ھەققىدىكى ئىددىئالىرىنىڭ نەقەدەر رەھىمسىز ۋە ئەھمىيەتسىز ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ چۈنكى خىتايلار شۇ پەيتتە شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبى ۋە غەربى شىمالىدا كۆپ سانلىق بولغان تۈرك مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسەن قوللىشىغا ئېرىشەلمەگلىك.

رەسىم چۈشەندۈرىشى: مىلادى ئۈچىنجى ئەسىردە سىزىلغان قاناتلىق ئەر كىشىنىڭ پورتىرىتىدىن يۇنان تەسىرى ئايان. تام رەسىمىگە تىتا ئىمزاسى قويۇلغان. بۈگۈنكى شەرقى تۈركىستاننىڭ شەرقى تارىم ئويمانلىقى مىرەندىكى كىرورەن قەدىمى خارابىسىدىن تېپىلغان. مەنبەسى : ۋىكىمېدىيا.

خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شەرقى تۈركىستاننىڭ كۆپ قىسمى قۇملۇق ۋە تۈزلەڭلىك، مىلادىدىن ئىلگىرى 60-يىلىدىن باشلاپلا خىتاينىڭ بىر پارچىسى دەپ ئوتتۇرىغا قويىدۇ ۋەھالەنكى تارىخشۇناسلار پەقەت 20-ئەسىرگە كەلگەندە ئاندىن خىتايچە سۆزلىگىنىنى ئېچىپ بىرىدۇ. 18-ئەسىرگىچىلىك شەرقى تۈركىستان ياۋرو، تۈرك، موغۇل، تىبەت، خىتاي، پارس ئىرقلىرىدىن تەركىپ تاپقان كىچىك بەگلىكلەر، خوجىلار، ئىمپىراتورلار تەرىپىدىن بۆلۈنۈپ قايتا بۆلۈنۈپ ئىدارە قىلىنىپ ئۈستى-ئۈستىگە كىرىشىپ كەتكەن رەڭدار مەنزىرىنى شەكىللەندۈرگەن ئىدى. موڭغۇلىيەدىن كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچىلارنىڭ، ئۇيغۇر ، قازاقلار بىلەن بىرگە شىمال يايلاقلىرىغا ئورۇنلىشىپ شىمالى شەرقى تۈركىستان-تارىم ئويمانلىقى-ۋە غەرپكە سوزۇلغان بۈگۈنكى ئۆزبەكىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستاننى ئۆز ئىچىگە ئالغان رايونلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا رۇخسەت قىلىنغان ئىدى. تارىم ئويمانلىقى ئەتراپىدىكى بوستانلىق دېھقانلىرى شىمالدىكى كۆچمەن چارۋىچى سودىگەرلەر، شىمالدىكى بەگلەرگە ئاشلىق ۋە ئولپان تاپشۇراتتى شۇنداقلا شەرقى شىمالغا تۇتاشقان سودا يوللىرىغا كىرەلەيتتى.

خىتاي مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرى ۋە شەرقى تۈركىستانغا كۆچۈپ ئورۇنلىشىشى مىلادىدىن بۇرۇنقى ئىككىنجى ئەسىردىن مىلادى ئىككىنجى ئەسىرگىچە شەرقى ۋە جەنۇبى شەرقى تۈركىستاندا يۈز بەرگەن. خىتايلار موڭغۇللار، تۈركلەر، پارسلار، گاھىدا سىرت بىلەن بىرلەشكەن ئىچكى توپىلاڭچىلار بىلەن چاينانىڭ غەربى شىمالىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى قىلغان. مىلادىدىن بۇرۇنقى 60-يىلدىن كىيىن، خىتايلار تۈرك ئىدارە قىلغۇچىنى خىتاي قوغدىغۇچى گېنرالغا ئالماشتۇرۇپ ھەربى-دېھقان مۇستەملىكىسى بەرپا قىلدى، بۇ خىل تەدبىر خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قولىشىدا بۈگۈنمۇ مەۋجۇت. خىتايلار موغۇللارنى شەرقى تۈركىستاندىكى جۇڭغارىيە ئويمانلىقىغا قوغلىۋەتتى ۋە شەھرى دۆلەتلەرنى بوزەك قىلىپ شەرقتىكى خىتاي ئاستانىسىگە ئولپان تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلىدى. بۇ جەريانلاردا خىتاي ئىستىلاچىلىرى مىڭلىغان كىشىلەرنى قەتلى قىلدى.

ئۇيغۇرلارنىڭ شەرقى تۈركىستانى: تۈركىيە، موڭغۇلىيە، پېرسىيە، تىبەت ۋە يۇنانىستاننىڭ ئارىلاشمىسى

بىراق خىتايلارنىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقى چىكىنىش، ئىمپىراتورلار ئارىسىدىكى رىقابەت ،يېڭىدىن شەكىللەنگەن شەھرى دۆلەتلەر سەۋەبىدىن مىلادى 113-يىلى ئاخىرلاشتى. بۈگۈنكى ئافغانىستان ۋە ئۆزبەكىستان چېگراسىنى مەركەز قىلغان كۇشان ئىمپىراتورلىقىنىڭ تىلى شەرقى پارس تىلىدا يۇنان يېزىقىدا ئىدى. شەرقى تۈركىستاندىكى شەرقى تارىمدىن تېپىلغان ئۈچىنجى ئەسىرگە تەۋە تام رەسىمىدە يۇنان تەسىرى سىڭگەن قاناتلىق ئەر كىشى سىزىلغان.

مىلادى ئىككىنجى ئەسىردە شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبى قىسىملىرىغا كۇشان تەسىرى سىڭگەن ۋە بۇ چايناغا بۇددىزىم ۋە زوروئاستىرىيانىزىمنىڭ كىرىشى قولايلاشقان. سەرخىللار، دېھقانلار ۋە ھۈنەرۋەنلەرنىڭ كەڭ كۆلەمدە تاكى كورىيەگە قەدەر پارس تىلىدا سودا قىلغان ۋە ئىشلەتكىنىگە ئائىت ئىسپاتلار تېپىلدى( تارىخسۇناس مىلۋوردنىڭ قارىشىدا سوغدى تورى دىيىش يىپەك يولى دىيىشكە قارىغاندا تېخىمۇ ئوبرازلىق بولىدۇ). مىلۋورد : خەن سۇلالىسى زامانىسىدا ”پۈتۈن شەرقى تۈركىستاننىڭ خىتاي زىمىنى ئىكەنلىكى“ دەك خاتا تەسىرنى بىرىپ قويىشى كىيىنكى تارىخچىلارنىڭ بۇ خىل ئارىلاشقان پۈتۈكلەردىكى نوقۇل مەلۇم تەرەپنىلا تەكىتلىگەنلىكىدىن كىلىپ چىققان بۇرمىلىنىش دەپ يازىدۇ.

560-يىلدىن كىيىن يېڭىدىن كۆك تۈركلەر ئىمپىرىيىسى بارلىققا كەلدى. ھازىرقى تۈركلەر كۆك تۈركلەرنى ئەجدادلىرى دەپ قارايدۇ ۋە نۆۋەتتىكى شەرقى تۈركىستان ئاھالىسى “ تۈرك“ چۈنكى ئۇلارنىڭ يىلتىزى كۆك تۈركلەرنىڭ ئىچىدە. خىتاينىڭ سۈي سۇلالىسى)581-618( كۆك تۈرك ئىمپىرىيىسىدىكى مەزھەپچىلىكنى كۈشكۈرتۈپ كۆك تۈركلەردىن شەرقى تۈركىستاننىڭ شەرقى، جەنۇبى تارىم ئويمانلىقىدا پۇت تىقىدىغان يەر بۆلىۋېلىشقا مۇۋەپپەق بولىدۇ.

تاڭ سۇلالىسى (618-906) سۈينىڭ سىياسەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى بىراق تاڭ سەرخىللىرىنىڭ ئۆزىمۇ تۈركلەر بىلەن تويلاشقان ۋە خىتايچىگە قارىغاندا تۈركچە سۆزلەشكە مايىل بولىدىغان دەرىجىدە شىمالى تۈرك قەبىلىلىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىدى. تاڭلىقلار بۇ كۆپ مەدەنىيەتلىشىش ئىدىيىسى ۋە شەرقى تۈركلەر بىلەن بىرلىشىپ غەربى تۈركلەرنى پارچىلاپ ئاجىزلاتتى، بۇ جەرياندا تارىم ئويمانلىقىدىكى سوغدى سودا يولىنى كونتىرول قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. بۈگۈنمۇ ئوخشاش تارىخ مۇنازىرىسىز تەكرارلىنىۋاتىدۇ. ھازىرقى سودا زامانىدا، موڭغۇلىيە ۋە قازاقىستان جۇڭگو بىلەن ئىتتىپاقداش قۇرۇشقا بېقىندى بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشقا نىسبەتەن سۈكۈتتە تۇرىۋاتىدۇ.

تىبەتلەر بۇتان قوشۇنىنىڭ ياردىمىدە 670-يىلى غەرپ تەرەپتىكى ئارقا قوۋۇقتىن ھۇجۇم قىلىپ كىردى ۋە شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى بېسىۋالدى، ئۇلار تاڭلىقلارنى قوغلاپ سودا يولىنى ئىگەللىدى. تاڭ سۇلالىسى 693-يىلى تىبەتلەرنى مەغلۇپ قىلىپ تارىمغا قايتىپ كەلدى ۋە 730-يىلى شەرقى تۈركىستاندىكى ھۆكۈمرانلىقىنى مۇستاھكەملىدى. بۈگۈن خىتايلار تىبەتلەرنى ئۇ قەدەر كونتىرول قىلدى شۇڭا ئۇلار ئەمدى شەرقى تۈركىستانغا پات پۇرسەتتە ھەربى يۈرۈش قىلالمايدۇ. ئىككى رايون ئوخشاش خىتايلار يىتەكچىلىكىدىكى كومنىست پارتىيىنىڭ قاتتىق ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا.

740-يىللاردا تاڭ سۇلالىسى كىلىپ چىقىشى تۈرك بولغان ئەنلۇشەن ئىسىملىك سوغدى ئارقىلىق شىمالدىكى ئۈچ ئۆلكىگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى. ئەنلۇشەن زامانىسىدا خىتايدىكى ئەڭ چوڭ گېنرال ئىدى ۋە پايتەختتىكى ئوردا تەبىقىسىگە سىڭىپ كىرگەن ئىدى.755-يىلى ھوقۇق ئالماشقاندىن كىيىن رىقابەتچىسى ئۇنى مەنسەپتىن چۈشۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئەكسىچە ئەنلۇشەن سوغدى سودىگەرلىرىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشتى ۋە قوشۇنى بىلەن غەلبىلىك ھالدا تاڭ پايتەختىگە قارشى تۇرۇپ ئاران ئالتە يىل ئۆمۈر سۈرگەن يېڭى سۇلالە جاكارلىدى. ئۇيغۇرلار ئاندىن شىمالى موڭغۇلىيەدىكىلەر ئەنلۇشەننى مەغلۇپ قىلىشتا ياردەمدە بولدى. بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە ئۇ قەھرىمانغا ئايلاندى بىراق خانغا قارشى ئىسيان كۆتۈرگەن خىتاي بولمىغان تۇنجى سانغۇن بولىشى سۈپىتى بىلەن كۆپ مەدەنىيەتلىك تاڭ سۇلالىسىگە قورقۇچ
تاشلاپ تاڭنىڭ كىيىنكى يېرىمىدا ياتلارنى يەكلەشنى پەيدا قىلدى.

8-ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرىدا تىبەتلەر جەنۇبى تارىمنى قايتا بويسۇندۇردى ۋە شەرققە يۈرۈش قىلدى. شىمالى ۋە غەربى شەرقى تۈركىستان ئەسلى كۆك تۈركلەر ئىدارىسىدىكى قارلۇقلارنىڭ قولىغا چۈشتى. تەخمىنەن مىڭ يىللار ئۆتكىچىلىك خىتايلار شەرقى تۈركىستانغا قايتا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى.

9- ۋە 16-ئەسىرلەر ئارىسىدا جەنۇبى شەرقى تۈركىستاندىكى تارىم ئويمانلىقى ئىسلاملاشتى ۋە تىل جەھەتتىن تېخىمۇ تۈركلەشتى. بەزى ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ئەسلى موڭغۇلىيەنىڭ شىمالىدىكى ئورخۇن دەرياسى ۋادىلىرىدىن تارالغان كۆچمەن چارۋىچىلار. ئۇلار ئەسلى موڭغۇللارنىڭ تۈركلەشكەن خاندانلىقلىرىدىن، ئۇلاردا تارىم ئويمانلىقىدا ئولتۇراقلاشقان پارسلارغا قارىغاندا موڭغۇللارنىڭ چىراي ئالاھىدىلىكلىرى گەۋدىلىك. ئۇيغۇرلار تارىمنىڭ شەرقىنى بويسۇندۇرغاندىن كىيىن ئۇلار باشقا تۈرك كۆچمەنلەر ۋە ئىراننىڭ شەرقىدىكى يەرلىكلەر بىلەن تويلاشقان. ئۇيغۇرلار خىتاي ئادەتلىرىنى ئەمەس سېستىمىلىق مانىكىيانىزىم ۋە سوغدىلارنىڭ باشقۇرۇش ئىلىملىرىنى ئۆزلەشتۈرگەن. شەرقى تۈركلەر تاڭلار تەرىپىدىن ھەمكار قىلىنغان. تارىخشۇناس جەمىس مىلۋورد: ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي مەدەنىيىتىگە قارشىلىقى خاتالىقىنى تەكرارلىماسلىقى ئۈچۈن بولسا كىرەك دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، شەرقى تۈركلەرنىڭ تاڭلارغا قوشۇلغان ۋە قوشۇۋېلىنغان خاتىرىسى تېخى يېڭى، ھەقىقەتەن تۈرك قاغان كۆلتېگىن ئۇندىن ئوتتۇز يىل بۇرۇن ئورخۇن ۋادىسىدىكى مەڭگۈ تاشقا ئوچۇق ئاگاھلاندۇرۇش قالدۇرغان ئىدى : تابغاچلارنىڭ سىلىق سۆزلىرى ۋە يىپەكلىرىگە ئالدانماڭلار…ئۇ ئۇيغۇرلار قۇلاق سالغان نەسىھەت ئىدى.

984-يىلى خىتاي ئەلچى مۇستەقىل قۇچۇ خانىدانلىقىدا ئەللىكتىن ئارتۇق بۇددا ئىبادەتخانىسى بارلىقىنى ۋە پارس راھىبلار بار بىر مانىكىيان ئىبادەتخانىسىنى خاتىرىلىگەن. ئۇ: ”بۇ زىمىندا نامرات ئىنسان بولمايدىكەن، ھەركىم ئاشلىقتىن قىسىلسا ئەل ياردىمىغا ئېرىشىدىكەن. خەلق ئومۇمەن يۈز ياشتىن ئارتۇق ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرىدىكەن ھېچكىم ياش ئۆلۈپ كەتمەيدىكەن“ دەپ يازىدۇ. ئەپسۇس شەرقى تۈركىستاندىكى ئۇ كۈنلەر كەلمەسكە كەتتى.

ئاندېرس كور ئەپەندى خارۋارت ئۇنىۋېرستىتى ئىدارە ئىلمىدىن دوكتورلۇق ئۇنىۋانىغا ئىگە. ئا ق ش ھەربى ئىستىخباراتىدا خىتاي ۋە ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەمۇرى خىزمەت قىلغان.

Twitter: @anderscorr