مەسلىھەت كېڭەشى

مەسلىھەت كېڭەشى

دوكتور ئاندېرس كورر يالې ئۇنىۋېستىتىدىن خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر ئىلمى بويىچە(يۇقىرى دەرىجە بىلەن) باكلاۋىرلىق، خارۋارد ئۇنىۋېستىتىدىن ئىدارە ئىلمى بويىچە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان. ئۇ ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئاكادىمىك، سىياسى، سودا ساھەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارالىق سىياسى خەۋپلەرنى ئانالىز قىلىپ كىلىۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كەسپى ساھەسى توقۇنۇشنىڭ سانلىق بەلگىلىنىشى، ئاز كۆرىلىدىغان ۋەقەلەر، جامائەت پىكرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دوكتور ئاندېرس كورر ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقى ئاسىيا ۋە ئافرىقىدا چوڭقۇر ئەمىلى تەجرىبىگە ئىگە. Booz Allen Hamilton ، ئا ق ش ئارمىيىسى، ئا ق ش تېنچ ئوكيان قوماندانلىق شىتابى، ئا ق ش تېنچ ئوكيان رايونى ئالاھىدە ھەرىكەت قوماندانلىق شىتابى، دۆلەت مۇداپىئە ئىستىخبارات ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە خەۋپىنى ئازلىتىش ئىدارىسى، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قاتارلىق مەسلىھەتچىلىك شىركەتلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا خىزمەت قىلغان. سودا گەۋدىلىرى ئۈچۈن خەلقئارالىق سىياسى خەۋپ توغرىلىق سىتراتىگىيىلىك ئانالىز تەمىنلەيدىغان ”كور ئانالىستىك“ نى قۇرغان ۋە چوڭقۇر ئانالىستلارنىڭ كۆپخىل گۇرۇپپىسى ئۈچۈن سىياسى خەۋپ ژۇرنىلىنى تەسسىس قىلغان. دوكتور ئاندېرس كورر نۆۋەتتىكى خەۋپ: خىتاي كومىتىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرسى.