ھەققىمىزدە

ھەققىمىزدە

شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ ھۆرلىكى ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداپ، ئۇلارنىڭ كەلگۈسى مەۋجۇتلىقىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن شەرقى تۈركىستان مۇستەقىللىقىنى قايتا قازىنىشنى نىشان قىلغان خەلقئارالىق سىياسى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى. بىز خەلقنىڭ ئاساسى ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغدايمىز، ھىمايە قىلىمىز ھەمدە شەرقى تۈركىستان ئىچى-سىرتىدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا بارلىق شەرقى تۈركىستان خەلقلىرى( قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار ۋە باشقا مىللەت) نىڭ مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن كۆرىشىمىز.

شەرقى تۈركىستاننىڭ ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقىنىڭ دىموكراتىيە، ئىنسان ھەقلىرى، مۇستەقىللىقى بىزنىڭ نىشانىمىز. ئاساسى مەقسىتىمىز-خەلقىمىز ئارىسىدا بىرلىك،دىموكراتىيە قىممەتلىرى،مېھىرى-شەپقەتنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرۈش ئارقىلىق خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش.

شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى قۇرۇلغاندىن ئىتىبارەن نىشان، مەقسەتلىرى ئېنىق بولغان ئاكتىپ كۈچكە ئايلاندى. شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى تەشكىلاتى يەنە شەرقى تۈركىستان ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بەزى ئىسلاھ، يېڭىلىقلارنىڭ بارلىققا كىلىپ ھەقىقى دىموكراتىك جەمئىيەت بەرپا قىلىشتا كاتالىزاتورلۇق رول ئوينىدى شۇڭا ئۆزىنى“ ئەسۋاپ“ دەپ باھالايدۇ.

سىياسى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقى تۈركىستان مىللى ئويغىنىش ھەرىكىتى پائالىيەتلىرى تەشكىلات ئەزالىرى بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ. بارلىق شەرقى تۈركىستانلىقلار ۋە ئۇلارنىڭ قوللىغۇچىلىرى(قېرى-ياش، ئەر-ئايال، سودىگەرلەر، زىيالىلار، دىنى ئۆلىمالار ۋە باشقىلار) نىڭ ئاكتىپ قوللىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

نىشانلىرىمىز :
بىز شەرقى تۈركىستان مۇستەقىل دۆلىتىنى قايتا قۇرۇپ چىقىش يولىدا ئاكتىپ كۆرەش قىلىمىز.
بىز بارلىق پۇرسەت ۋە مەنبەكەرنى ئىشلىتىپ مەدەنىيىتىمىز، تىلىمىز، دىنىمىز ۋە تارىخىمىزنى ساقلاپ قېلىش يولىدا ئاكتىپ كۆرەش قىلىمىز.
بىز خەلقىمىزنى مۇستەملىكە ۋە خىتاي زۇلمىدىن قۇتقۇزۇشنى خالايدىغان بارلىق دۆلەت(ھۆكۈمەت)لەر، تەشكىلاتلار، شەخسلەر بىلەن ئاكتىپ ھەمكارلىشىمىز.
خەلقىمىزگە ئىنسان ھەقلىرى، دىموكراتىيە، دىنى ئەركىنلىك ۋە ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرىنى سىڭدۈرۈش ئۈچۈن ئاكتىپ كۆرەش قىلىمىز.
خەلقىمىز ئارىسىدا شەپقەت، ئادالەت ۋە بىرلىك ئورنىتىپ خىتاي زۇلمىغا قارشى باراۋەر خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئاكتىپ كۆرەش قىلىمىز.

پىرىنسىپلىرىمىز :
مۇستەقىللىقىمىز بولماي تۇرۇپ ھەقىقى مەنىدىكى ئىنسانى ھوقۇقلىرىمىز بولمايدۇ !ھۆرلىك بولماي ھېچقانداق ئادالەت بولمايدۇ!

خەلقىمىزنىڭ مەۋجۇتلىقى ۋە ئومۇمى مەنپەئەتى (دۆلەت مەنپەئەتى)نى بىرىنجى ئورۇنغا قويىمىز.

ئوچۇق-ئاشكارە، سەمىمىيەت ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق.

ياشلارنى خەلقىمىزنىڭ ئاۋانگارتلىرى دەپ تونۇش.

بارلىق دىنى، يۇرت، نوپۇز سېلىشتۇرمىسىدىن كىلىپ چىققان پەرقلەرنى قايرىۋېتىپ دۆلەتنىڭ بىرلىك ۋە پۈتۈنلىكىنى قوغدايمىز ۋە ھىمايە قىلىمىز.

مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ۋە ئىجتىھاتچانلىق.

كونكىرت نىشان ۋە دىققەت يىغىش.

دىموكراتىيە، مائارىپ، ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىنى ئەركىنلىكنى ھىمايە قىلىش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش.

ئۆز مەدەنىيىتىمىزنى ھىمايە قىلىش، كۈچلەندۈرۈش، ھۆرمەت قىلىش.