شەرقى تۈركىستانغا بىر نەزەر

شەرقى تۈركىستانغا بىر نەزەر

شەرقى تۈركىستان ئاتالغۇسى شەرقى تۈركلەرنىڭ زىمىنى( تارىم ئويمانلىقى،جۇڭغار ئويمانلىقى،كەڭسۇ) بولۇپ تونۇلغان پۈتكۈل شەرقى تۈركىستاننى كۆرسىتىدۇ. ئۇ نۆۋەتتىكى ئاتالمىش ”شىنجاڭ“ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى مەمۇرى رايونى، 1940 -يىللاردا خىتايلار ئىگەللىۋالغان غەربى كەڭسۇنىڭ بىر قىسمى ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يېڭى زىمىن ياكى يېڭى چىگرا مەنىسىنى بىرىدىغان خىتاي مۇستەملىكە ئاتالغۇسى شىنجاڭ- خىتاي مۇستەملىكە كۈچلىرى تەرىپىدىن تېڭىلغان شەرقى تۈركىستاننى كۆرسىتىدىغان ئاتالغۇ. ھاقارەتلىك خىتاي مۇستەملىكە ئاتالغۇسى ناھايىتى ھۇجۇم خاراكتىرلىك ۋە شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۆچ كۆرىدىغان ئاتالغۇدۇر. شەرقى تۈركىستان تارىخى بويى خىتايدىن پەرقلىق بولغان ۋە ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەتلىك، كۈلتۈرەل ۋە دىنى كىملىكىنى ساقلاپ كەلدى. پەقەت خىتاي قانۇنسىز ئىشغال قىلغان دەۋرلەردە ئايرىم، مۇستەقىل ئىگىلىك ھوقۇقلۇق سىياسى ۋە تېرىتورىيە كىملىكىنى ساقلاپ كەلدى.

يەر مەيدانى :
بىر مىليون 828مىڭ 418 كۇۋادرات كىلومىتىر بولۇپ تارىم ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقى ۋە كەڭسۇنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تارىم ئويمانلىقى ۋە جۇڭغار ئويمانلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بىر مىليون 664مىڭ845 كۇۋادرات كىلومىتىر ”شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونى“ شەرقى تۈركىستان تۇپرىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى تەشكىل قىلىدۇ. كەڭسۇ( خىتاي كۈچلىرى 1940-يىللاردا گەنسۇ ۋە چىڭخەي ئۆلكىسىگە قوشىۋالغان) 163مىڭ 573 كۇۋادرات كىلومىتىر. تەخمىنەن ئا ق ش تېكساس شىتاتىنىڭ 2.65 ھەسسىسىگە، فىرانسىيەنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە، شىمالى سۇدانغا باراۋەر

سىياسى ئەھۋالى : مۇستەملىكە قىلىنغان( 1949-يىل 22-دېكابىردىن بۇيان) ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ۋەكىلىسىز.

ھاكىمىيەت :
خىتاي ھاكىمىيىتى ئاستىدا شەرقى تۈركىستان تۆۋەندىكىدەك مەمۇرى بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن :
ئا) شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى
ب) سۇبېي موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيىسى
ئاقساي قازاق ئاپتونوم ناھىيىسى
دۇنخۇاڭ(دۇخان) شەھىرى
گەنسۇ ئۆلكىسى گۇاجو ناھىيىسى
س) لېڭخۇ مەمۇرى رايونى شۇنداقلا چىڭخەي ئۆلكىسى ماگنەي مەمۇرى رايونىنىڭ غەربى قىسمى.

نوپۇسى :
شەرقى تۈركىستان ئومۇمى نوپۇسى تەخمىنەن 35 مىليون( ئۇيغۇر نوپۇسى 30 مىليوندىن ئاشىدۇ. قالغىنى قازاق، قىرغىز، ئۆزبەك، تاتار قاتارلىق باشقا تۈركى خەلقلەر).

ئاساسلىق دەريالار :
تارىم، ئېرتىش( قازاقىستان ۋە رۇسىيەدىكى ئىرتىش) ،ئىلى، كۆنچى(كەيدۇ)، ئۇلۇنغۇر(موڭغولىيەدىكى بۇلغان)، قاراقاش، ياركەند( زەرەپشان دەپمۇ تونۇلغان) ۋە ماناس.

 

يەرلىك ياۋايى ھايۋاناتلار :
كاسپى يولۋىسى( ھازىر نەسلى قۇرۇپ كەتتى)، ياۋرو ئاسىيا تاغ مۈشۈكى، يىلپىز، ياۋروئاسىيا كۆك بۆرىسى،قارا بۇلغۇن، بۆرە بورسۇق، پىرىزۋالىسكى ئېتى، ئالتاي بۇغىسى، تەڭرىتاغ بۇغىسى، قوش مۈڭگۈز بۇغا، ياركەنت بۇغىسى، ئوتتۇرا ئاسىيا قىزىل بۇغىسى،سايگا بۆكىنى،ماركوپولو قويى،بۇقا،قوش لوكىلىق تۆگە، ياۋرو ئاسىيا قۇندۇزى، ياۋروئاسىيا قىزىل تىيىنى، جۇڭغار چاشقىنى،ياركئەنت ياۋا توشقىنى،ياۋرو ئاسەيا سۇ چاشقىنى،ياۋروئاسىيا ئۇقارى، ئوتتۇرا ئاسىيا سەمەندەرى،يۇغانباش سكىزوتوراس، لېنوك( ئاسىيا ئالىبېلىقى).

ئىقتىساد:
دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يىنىك سانائەت، سودا.

تەبىئى بايلىقلار :
زىمىن، بىئولوگىيىلىك جانلىقلار، نېفىت، تەبىئى گاز، ئالتۇن، كۈمۈش، كۆمۈر، ئۇران، مىس، نىكېل، قوغۇشۇن، سىنىك، تاشپاختا، كالى تۇزى، ھاك تېشى، ئالماس، قاش تېشى.

ساۋاتلىق دەرىجىسى :
يەرلىك تىل( ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز) دەرسلىرىنىڭ چەكلىنىشىدىن بۇرۇن 90 پىرسەنت، ھازىر 40 پىرسەنت ئەتراپىدا مۆلچەر قىلىنىدۇ.